新疆伊宁县

ناھىيەلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى
2017-10-27 13:19  

27-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ناھىيەلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى قانات يايدۇرلۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى مەخسۇس ئۆگىنىلدى، ھەمدە نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ياڭ شىنپىڭ پارتىيە 19 -قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى ۋە سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۈگەندى.
ياڭ شىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۇھىم ئابىدە، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتىدا، بەش يىلدىن بۇيانقى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نوقتىسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىگە قارىتا ئومۇمىيلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆزقاراش، مۇھىم ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى سەھىپىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىنى يېزىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەرلىك قىلدى.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، قايتا - قايتا ئۆگىنىش، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك؛ ھەر قايسى تەشۋىقات تارماقلىرى تەشۋىقات خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات لايىھەسى ۋە « پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك
 ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، « تۆت ئاڭ » نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، « تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش» نى چىڭىتىپ، باش نىشانغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. ناھىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تەتبىقلاپ، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش كېرەك . پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىستىلنى ياخشىلاشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، « تۆت ئىستىل، تۆت كەيپىيات»نى داۋاملىق تۈزەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، گۈزەل ئۆرۈك يۇرتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
 ياڭ شىنپىڭ يەنە داۋاملىق ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، « ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە «قايتا قاراش»،  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمدە كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، رەئىسى فېردون مەمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى؛ ھەر قايسى يېزا-بازار ( مەيدان ) لارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، كەنت بىرىنچى سېكرېتارلىرى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تارماق يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

 

关闭窗口