新疆伊宁县

8-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىلى ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلاندى
2017-04-01 12:29  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى، غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇيۇشتۇرغان 8-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىلى ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى4 -ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت ۋاقتى جەمئىي يەتتە كۈن بولۇپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 

پائالىيەت ئاساسىي مەقسىتى: مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، بايرام ئۆتكۈزۈپ خەلقنى بېيىتىش، ئىجادچانلىقتا ئەمەلىي بولۇش.

پائالىيەت جەمئىي بەش سەھىپە، 15 تۈردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىناقلىق ئۆرۈكلۈك بېغى سەھىپىسى، خەلق مەيدانى سەھىپىسى، جىرغىلاڭ دەرياسى پانۇس كۆرگەزمىسىدەك تىپىك تۈرلەر ئاساسىدا، يېڭىدىن ئاقئۆزەن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى باھار سەيلىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ۋە شىنجاڭ (ئىلى) ساياھەت بايرىمى تونۇشتۇرۇش يىغىنى كۆپەيتىلدى.

ئىناقلىق ئۆرۈكلۈك بېغى سەھىپىسى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چېچەك گۈزىلى تاللاش مۇسابىقىسى، دارۋاز ئويۇنى، مەشرەپ ۋە مىللەتلەر مۇزىكا كونسېرتى، چاقچاقچىلار يىغىلىشى، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىللىيچە كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، سۇمبۇل چاچلارنى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە قول ھۆنەرۋەنلىك بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان كوللېكتىپ توي يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ۋە 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىللىيچە ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەززىلىك تائاملار يەرمەنكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلق مەيدانى سەھىپىسى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان غەيرىي تاش يەرمەنكىسى، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆرۈك يۈرتى مەززىلىك تائاملار يەرمەنكىسى، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان بەخت چوڭ بازىرى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاقئۆزەن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى باھار سەيلىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى فوتوگرافلار، گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ئاقئۆزەن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا مەنزىرە ماتېرىياللىرىنى توپلاش پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ (ئىلى) ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

ئىناقلىق ئۆرۈك بېغىدىكى سەرخىل پائالىيەتلەر

«چېچەك گۈزىلى» تاللاش

دارۋاز ئويۇنى

مەشرەپ

مەشرەپ

مىللەتلەر مۇزىكا كونسېرتى

ۋېلسىپىتتە ماھارەت كۆرسىتىش

مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمىسى

قول ھۆنەرۋەن بۇيۇملار يەرمەنكىسى

ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار

 

خەلق مەيدانى ۋە ئەتراپىدكى رەڭگاراڭ پائالىيەتلەر

غەلىتە تاشلار كۆرگەزمىسى

ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى

 

 

 

 

 

关闭窗口