新疆伊宁县

دېھقانچىلىق سىياسەتلىرى
2017-11-20 17:17  

يەرنى تۈجۈپىلەپ كۆلەملىك ئىگىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، خەۋپ-خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

(ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفون نۇمۇرى: 4025859، ئىدارە باشلىقى: 13139803889؛ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىش ئىشخانىسى: 13319998182، دىرېكتور: 13519998701؛ جۇڭخۇا بىرلەشمە مال-مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىش ئىشخانىسى: 4025687، دىرېكتور: 15999268222)

1. «تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش» پرىنسىپى بويىچە يەرلەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ئۆز مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇشقا ياكى دېھقانچىلىق چوڭ ئائىللىرى، كوپىراتىپ، كارخانىلارنىڭ ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە 3 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇنىڭدا، ئەسلىدىكى قىرلارنى يوق قىلىش، يەرنى تۈزلەش، چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ھەم سورتلۇق، ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، ئۆلچەملەشكەن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 1-تۈردىكى يېزا-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇتاش كۆلەم 500 مودىن ئاشسا، 2-تۈردىكى يېزا-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇتاش كۆلەم 300 مودىن ئاشسا، بىر قېتىمدا ھەر موغا 100 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا، 30 مىڭ مو ئوبوروت قىلىش (سورتلۇق مېۋىلىك باغ قىلغان دېھقان، كوپىراتىپ ياكى كارخانىلار باغۋەنچىلىككە ئالاقىدار ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرلىنەلەيدۇ) پىلانلاندى.

2. دېھقان-چارۋىچىلار تېرىقچىلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. كۈزگى بۇغداي ۋە قوناق سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىغا 25 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ.

(1) كۈزگى بۇغداي سۇغۇرتا ھەققى: ھەر موغا تاپشۇرىدىغان 30 يۈەنلىك سۇغۇرتا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا، 230 مىڭ مو پىلانلاندى.

(2) قوناق سۇغۇرتا ھەققى: ھەر مونىڭ سۇغۇرتا ھەققى 30 يۈەن. بۇ، ناھىيەنىڭ مالىيە ياردەم پۇلى ھەر موغا 27 يۈەن، دېھقان ئۆزى تۆلەيدىغىنى 3 يۈەن. بۇنىڭدا، 700 مىڭ مو پىلانلاندى.

3. كۈزگى بۇغداي تولۇقلىمىسى: بۇنىڭغا 5 مىليون 920 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلدى. بىرىنچىدىن، ھەر مو كۈزگى بۇغدايغا 24 يۈەن ياردەم پۇل بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا، 230 مىڭ مو پىلانلاندى. ياردەم پۇل جەمئىي 5 مىليون 520 مىڭ يۈەن؛ ئىككىنچىدىن، كۆلەم 200 مودىن يۇقىرى بولسا، ياردەم پۇلى بەرگەن سىرت، شۇ يىلى يەنە ھەر موغا 10 يۈەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا، 40 مىڭ مو پىلانلاندى، ياردەم پۇل جەمئىي 400 مىڭ يۈەن.

4. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈش سىستېما قۇرۇلۇشى. بۇنىڭغا 1 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى كارخانا، كوپىراتىپلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى ۋە جەريانىنى ناھىيەمىزدىكى كەسپى تارماقلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش سۇپىسنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرگۈزگەن بولسا، ھەر بىر ئورۇنغا 30 مىڭ يۈەندىن، جەمئىي 10 ئورۇنغا ياردەم پۇل بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ناھىيەمىزدىكى كەسپى تارماقلاردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش سۇپىسنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈش ئاساسىدا، ماددى بويۇم بىلەن تورنى باغلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سىمسىز خەۋەرلىشىش تورى، سىنلىق كۈزىتىش، سېنىزور، كوممۇتاتور، سېستىمىلىق يۇمشاق دېتال ۋە يانداشما ئەسلىھە قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىزىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆرۈنمىلىك باشقۇرۇش ۋە يىراقتىن نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن كارخانا، ھەمكارلىق كوپراتىپى، شەخس، ئائىلىنىڭ ھەر بىرگە 200 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا جەمئىي سەككىز ئورۇنغا بېرىلىدۇ، ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىدۇ، ئاندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

5. زىرائەت كېسەللىك - ھاشارەت زىيىنىدىن بىر تۇتاش مۇداپىئە كۆرۈش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇغداي، قوناق كېسەللىك-ھاشارەت زىيىنى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا دېھقانچىلىق تارماقلىرىنىڭ كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، 300 مىڭ مو يەرگە ئالدىنى ئېلىش دورا ئىقتىسادىي تولۇقلمىسى بېرىلىدۇ.

关闭窗口