新疆伊宁县

ياڭاق ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ۋە ھەل قىلىش تەدبىرلىرى
2017-11-20 12:28  

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆستۈرلىۋاتقان ياڭاق سورتى 20خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ ھازىر بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىل سورىت ئاساسلىقكېڭەيتىلىپ ئۆستۈرلىۋاتىدۇ. ئۇلار جام ياڭىقى، ئونسۇ ياڭىقى (185مۇ دىيىلىدۇ )، شىنجاڭ مول ھوسۇل ياڭىقى، شىنجاڭ توقسۇ2-نۇمۇرلاق ياڭىقىدىن ئىبارەت. بۇلارئىچىدە ئونسۇ 185ياڭىقى بىلەن توقسۇ 2-نۇمۇرلىق ياڭىقى پاكار، زىچ ئۆستۈرۈشكە، جام ياڭىقى بىلەن شىنجاڭ مول ھوسۇل ياڭىقى ئارىسىغا زىرائەت كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا ماس كىلىدۇ .

ياڭاق ئىللىق مۇھىتىنى ياخشى كۆردىغان دەرەخ تۈرى بولۇپ يىللىق ئوتتۇرچەتېمپىراتۇرسى 9-16سېلىتسىيە گىرادۇسقىچە بولغان ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 38 سېلىتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن25 سېلىتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، قىراۋسىز مەزگىلى 180كۈندىن يۇقىرى جايلاردا   ياخشى ئۆسۈپ مول ھوسۇل بېرىدۇ .

ياڭاق يەر ئاستى ئورنى 2مېتىردىن تۆۋەن تۇپرىقى يۇمشاق، سۇ چىقىرۋېتىشكە قولاي، يىنىك دەرىجىدىكى شورغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، PH قىممىتى 7.2-5.2كىچەبولغان، تۇپراقتىكى شور مىقدارى %0.25دىن تۆۋەن بولغان تۇپراقلارغا ماسلىشالايدۇ. شامال ئېغىزىغا، بوران چاپقۇن كۆپ بولدىغان جايلارغا ياڭاق تىكىشتىن ساقلىنىش لازىم .

نۆۋەتتە رايونىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى ياڭاقئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان جايلاردا ئوتتۇرا ياشلىق ياڭاق دەرەخلەرنىڭ ھوسۇلى تۆۋەنلەپ كېتىش، ياڭاق سۈپىتى ۋە مېغىز نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىللىرى كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ .

. 1 ياڭاق چاتاش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق بولۇش: ياڭاق مەيلى ياش كۆچەت مەزگىلى بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلى بولسۇن چاتاش مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىمىسا ۋە ياكى سورتنىڭ ئالاھىكىگە قارىماي قالايمىقان، ئېغىر پۇتالسا ئوخشاشلا ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

. 2 سۇ ئوغۇت يېتەرسىز، ئوغۇتلاش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق. ياڭاق دەرىخى چوڭايغانچە سۇ ۋە ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ ماڭدىغان بولۇپ كۆپ قسىم دېھقانلىرىمىز بۇنى ئويلاشماي ھەر يىلى ئوخشاش مىقداردا ئوغۇتلايدۇ .

. 3 سۈنئى ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك .

. 4 كېسەللىك –زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقتىشقا سەل قاراش

ھەل قىلىش چارىلىرى

.1ياڭاق دەرەخلىرىنى چاتىغانداچوقۇم سورىت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ چاتاش، بۇ دىگىنىمىز، ئونسۇ 185ياڭىقى بىلەن توقسۇ 2-نۇمۇرلىق ياڭىقىغا ئوخشاش پاكار، زىچ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان سورتلارنىڭ ئاساسى شاخلىرىنى ئاز، قوشۇمچە، تايانچى شاخلىرىنى كۈچەيتىپ تەربىيلەپ ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق شاخلاردىن مېۋە ئېلىشنى ئاساس قىلىش يازلىق چاتاشنى ئىنچىكە ئېلىپ بېرىپ، ھارامشاخ، ئاتلىق چېچەكلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلاپ، مېۋە ئېلىش بىلەن ئۆسۈشنىڭ مۇناسىۋتىنى ياخشى تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك  .

نىسبەتەن ئىگىز ئۆسۈرۈلىدىغان سورتلاغا قارىتا ئاساسى شاخلارنى كۆپرەك قويۇپ، دەرەخ تاجىنى كەڭرەك قويىۋېتىپ قوشۇمچە شاخ ۋە يان شاخلارنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىپ، دەرەخنىڭ ئىچ قسىمىدىمۇ مۇۋاپىق شاخ گۇرۇپپىسى تەربىيەلەپ، كۈن نۇرى، شامال ئۆتۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ياڭاق دەرىخىنىڭ ئىچى تېىشى، ئاستى –ئۈسىتى ھەممە يېرىدە مېۋىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك  .

مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن ياڭاق سورتى بولسۇن يازلىق چاتاشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يىلى مۇۋاپىق يېڭى شاخ قالدۇرۇپ دەرەخ تاجىنى چوڭايتىش، چاتاشنى ۋاقىتىدا ئېلىپ بارماي بويىغا زورلاپ ئۆستۈرۋېتىشىتىن ياكى قارىغۇلارچە ئېغىر چاتاپ ئۆسۈشنى تەسىرگە ئۇچىرتىشتىن ساقىلىنىش، ئاساسى شاخ، تايانچ شاخلارنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىنى مۇۋاپىق تارتىپ تەڭشەپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

.2 ئوغۇتلاش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. مەيلى قانداق بولسۇن ھەر يىلى كۈزدە مېۋىسىنى يىغىۋالغان ھامان ئورگانىك ئوغۇت يەنى ئېغىل قوتان ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئوغۇتنى چوقۇم دۈملەپ، چىرىتىپ بېرىش، مىقدارىنىمۇۋاپىق بېرىش، ئوغۇتلاش ئارلىقنى، چوڭقۇرلىقىنى ياخشى ئىگەللەش مۇھىم. ئادەتتە 15-10يىللىق بولغان ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ھەر تۈپىگە 80-50كىلوگىرام ئورگانىك ئوغۇت بېرىش، ئارلىقنى دەرەخ تاجىسىنىڭ دەرەخ غولى بىلەن بولغان ئارلىقنى ئۆلچەم قىلىپ بېرىش، چوڭقۇرلۇقىنى 45-20سانتىمىتىرقىلىپ، چۆنەك يېرىپ ياكى نۇرسىمان   شەكىلدە كولاپ ئوغۇت بېرىش كېرەك .

ئۇندىن باشقا چېچەكتىن بۇرۇن ئازۇتلۇق ئوغۇتنى قوشومچە ئوغۇت قىلىپبىرىش، 15-10يىللىق بولغان ياڭاقدەرەخلىرىنىڭ ھەر تۈپىگە 800-500گىرامغىچە ئۇرىيە ئوغۇتى بېرىش، 6-ئاينىڭ باش-ئوتتۇرلىرى 700-400 گىرامغىچەفوسفۇرلۇق ئوغۇت بېرىش، 6-ئاينىڭ ئاخىرى 7-ئاينىڭ باشلىرى ھەرتۈپكە 500-300 بىرىكمە ئوغۇت بېرىلىسە ۋەئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كۆپەيتىپ بېرىلسە بولىدۇ .

شۇڭا ئوغۇت بەرگەندە قارىغۇلارچە بەرمەسلىك، ئوغۇت قۇرۇلىمىسىنى مۇۋاپىق بېرىش، قايسى چاغدا قانداق ئوغۇت بېرىمىز، قانچىلىك بېرىمىز دىگەن مەسلىنى ئوبدان ھەل قىلىش لازىم. ياڭاققا بېرىلگەن ئورگانىك ئوغۇت مىقدارى يىتەرلىك بولغاندا، قوشۇمچە ئوغۇتلاش ئۇسۇلى توغرا ۋە ۋاقتىدا بولغاندىلا ياڭاقنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخىشلىنىپ، مېغىز نىسبىتى ئاشىدۇ .

. 3 ياڭاقنىڭ چېچەك مەزگىلىدە سۈنئى ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ياخشى ئىشلەپ مېۋە تۇتۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك .

. 4 ئەڭ ئاخرىقى مۇھم مەسىللەرنىڭ بىرىسى ياڭاقىنىڭ كېسەللىك ھاشارەتلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقتىش بولۇپ ئاساسلىق كېسەللىكىلىرىدىن قوۋزاق چىرىش كېسىلى، شاخ قۇرۇش كېسىلى، ياڭاق كۆيدۈرگە كېسىلى بار. زىيانداش ھاشارەتلىردىن ياڭاق پەرۋانىسى، باھار ماڭدامچى قۇرۇتى، قىزىل ئۆمۈچۈك،قاسىراقلىق قۇرۇت قاتارلىقلار بولۇپ، باغ پەرۋىشىدە باغنى ھەر زامان كۆزۈتۈپ تۇرۇش، ھەر بىر شاخ، يوپۇرماقلاردىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىپ يۇقارقى كېسەللىك، زىيانداش ھاشارەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقتىشقا تەييار تۇرۇش، بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھوسۇلنىڭ كەملەپ كېتىشى ۋە سۈپەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر يىلى ئەتىيازداھاك –گۈڭگۈرىت بېرىكىمىسىنى چېچشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، مېۋىسىنى يىغىۋالغاندىن كىينىكى باغىنىڭ تازلىقىنى ياخشى قىلىش، دەرەخ غولىنى ياخشىئاسىراش، كېسەللەنگەن شاخ ۋە تۈپلەرنى ۋاقتدا بىر تەرەپ قىلىش، باغىنىڭ كۈن نۇرى ۋە شامال ئۆتۈشىش شارائىتىنى ياخشىلاش، كونا چىتىلارنى يوقىتىش، ئادەم كۈچى بىلەنن يوقتىش بىلەن فىزىكلىق، خېمىيىلىك يوقتىش ئۇسۇللىرىىنى تەڭ قوللىنىش، ھاشارەت يوقاتقۇچى چىراقلارنى ئورنتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك .

关闭窗口