新疆伊宁县

زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى
2017-11-20 12:26  

تېخنىكا ئۇقۇمى
زىرائەتلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى كەسىپلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش بولسا---- ، ماس ھالدىكى زىرائەتلەرنى قوغداش كەسپى تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتىنى تۇرغۇزۇپ ئىجتىمائىلاشقان، كۆلەملەشكەن يۈرۈشلەشكەن ھالەتتە زىرائەتلىرىدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ   ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت خارەكتىرىنى كۆرسىتىدۇ.
زىرائەتلەردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ كەسىپلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش -زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكا بولۇپ دېھقانلارنىڭ زىيانداش   ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس بولۇشتەك مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم چىقىش يولى، زىيانداش ھاشارەتلەرنى ئالدىنى ئېلىش ئۇنۇمىنى يۇقۇرى كوتىرىشنىڭ كاپالىتى.ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھالقىلىق ۋاستىسى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلتىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە يېزا ئىگىلىك ئشلەپچىقىرىش ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىىڭ ئۈنۈملۈك يولى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم ۋاستىسى،   كەسىپلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق زىيانداش ھاشارەتلەنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكسىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئونۋىرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى ھەقىقى تۈردە ئەمىللەشتۈرۈپ ،ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈم نىسبىىتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ۋە ھاسىلاتنى«ئۈچ جەھەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ» ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەننەرقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت « ئۇچنى ئازايتىش »ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ئېكىلوگىيلىك مۇھىتتىن ئبارەت «ئۈچ بىخەتەر » بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
مەھسۇلات ۋە ئۇنۇمنى ئاشۇرۇش ئەھۋالى
كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىشنى دىھقانلار ئوزى قوللانغان ئالدىنى ئېلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنى ئېلىش قېتىم سانىنى 1-2 قېتىمغىچە ئازايتقىلى ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى %20 تۆۋەنلەتكىلى، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى %10 يۇقىرى كۆتۈرگىلى ،مەشغۇلات ئۈنۈمىنى 5 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ھەر مودىكى شا ل مەھسۇلاتىنى 50 كىلوگىرامدىن يۇقىرى،بوغداي مەھسۇلاتىنى 30 كىلوگىرامدىن يۇقىرى ئاشۇرغىلى بولىدۈ.
تېىخنىكىدىكى مۇھىم ھالقىلار
(1)
قېلىپلاشقان، كەسىپلەشتۈرۈلگەن ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوللاش. كەسىپلەشتۈرۈلگەن ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت كەسىپلىرى بولسا---- يېزا ئىگىلىك،مۇلازىمەت ئوبېكىتى بولسا ----دېھقانلار،مۇلازىمەت مەزمۇنى بولسا---- ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش بولۇپ نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئۈنۈمچانلىققا ئىگە .ھەر قايسى ئورۇنلار ئاكتىپلىق بىلەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ،بار بولغان تۈرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ قېلىپلاشقان ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
(2)
كەڭ   كۆلەمدە تەشۋىقات   ئېلىپ بېرىپ دىھقانلارنىڭ     كەسىپلەشۇرۇلگەن   بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش. تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى قوللۇنۇپ تەشۋىقات ۋە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، تەشكىلاتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ ،ھوكومەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئلھاملاندۇرۇپ، دىھقانلارنىڭ ئوزلىگىدىن ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك كەيپىياتنى قولغا كەلتۈرۈش. شۇ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئومومى يۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بىر تۇتاش قاچىلانغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىپ ،دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قاچىلاشقا ئىشلىتىدىغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىنىشنى ئازايتىش لازىم.

(3)تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ ،ئالدىنى ئېلىش تېخنىكاسەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،كەسىپلەشكەن ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنى بولۇپمۇ ماشىنا مەشغۇلاتچىلارنى تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىلمى ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى ئىگەللەپ بولۇپمۇ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دورا چېچىش ماشىنىلىرىنىڭ ئىلمى ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئىگەللەشكە تۈرتكە بولۇپ، دىھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ ،ئالدىنى ئېلىش ئۇنۇمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(4)ئىلمى ئالدىنى ئېلىشقا ھەقىقى تۈردە يېتەكچىلىك قىلىپ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش. ھەردەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش تارماقلىرى كەسىپلەشكەن ئالدىنى ئېلىشقا بولغان يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى ھەمدە تېخنىكا يېتەكچىلىك شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى ھەقىقى تۇردە ياخشى ئشلىشى لازىم. زامانىۋى ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇۋاپىق مەزگىل قاتارلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن ۋاختىدا تەمىنلەپ كەسىپلەشكەن ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتلىرىنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئىلمى ئالدىنى ئېلىش لاھىيەسى بىلەن تەمىنلەپ كەسىپلەشكەن ئالدىنى ئېلىش تەشكىلاتلىرىنى يۇقۇرى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىغا يۇقۇرى ئۈنۈملۇك، زەھىرى تۆۋەن، مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى تىپتىكى دېھقانچىلىك دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە يىتەكلەپ ئۇلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىش، دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەش لازىم. ئۇلارنىڭ ئىلمى ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئونۋىرسال ئالدىنى ئېلىش ۋاستىسىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

关闭窗口