新疆伊宁县

تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈش ئۇسۇلى
2017-11-20 12:21  

-1 مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن خىمىيىۋى ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇپ بىرىش ئارقىلىق تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك .
-2
ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن، يېڭى ئاچقان تېرىلغۇ يەرلەرگە يىشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىپ، تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇق ئېلمىنىتلارنى تۇلۇقلاپ ، ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆپەيتىپ، تۇپراقنىڭ فىزىكىلىق، خېمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ياخشىلاپ مەھسۇلاتنىڭ يىلمۇ-يىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
-3
ئورگانىك ئوغۇتلار زىرائەتلەرنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن ئۇزۇنغىچە تەمىنلەيدۇ. ئورگانىك ئوغۇت تەركىبىدە ئازوت، فوسفور، كالىي قاتارلىق ئېلمىنىتلار بولغاندىن باشقا بور، مانگان، سىنىك مولىبدېن قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلارمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن زىرائەتلەرنى ئورگانىك ئوغۇتلار بىلەن يىتەرلىك ئوغۇتلاپ خىمىيىۋى ئوغۇتلارنى ئۆلچەم بويىچە مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ، -4 تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ كۆپىيشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزىملار ئورگانىك ماددىلارنى تىز پارچىلاپ تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ تۇپراق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ. دىمەك تۇپراقنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا تۇپراقنىڭ سۇ،ئوغۇت ساقلاش، ھاۋا ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەرنى يۇمىشتىپ تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرىدۇ ھەمدە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىنى ۋە يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىنى تىزلىتىدۇ
-5
تۇپراقنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ رېستىپلق ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئازوتلۇق ئوغۇتنى مۇقىم،فوسفورلۇق ئوغۇتنى ئاشۇرۇپ بىرىش پىرىنسىپى بويىچە ئوغۇتلاش كىرەك. ئازوتلۇق ئوغۇت %40 فوسفورلۇق ئوغۇت %45، كالىيلىق ئوغۇتنى %5 لىك نىسبەت بويىچە ئوغۇتلاش، مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە كۈنجۈرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى ياخشىلاشتا مەھەللىۋى ئوغۇتنى چىرتىپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

关闭窗口