新疆伊宁县

بۇغداي مايسىسىنىڭ يېتىۋېلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش
2017-11-01 12:20  

بۇغداي مايسىسىنىڭ يېتىۋېلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ بىرلا خىل ئۇسۇلى بار: بىرى، تېرىش زىچلىقىغا قاراش. بۇغداي بەك زىچ تېرىلسا، يەنى ھەر مودا قىشتىن ئۆتىدىغان مايسا 800مىڭ تۈپتىن ئېشىپ كەتسە مايسا يېتىۋېلىش خەۋپى بار. يەنە بىرى مايسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا قاراش. ئاساسىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يوپۇرمىقىنىڭ ئاستىغا ساڭگىلىغان قىسمى پۈتۈن يوپۇرماقنىڭ3/1ىدىن ئېشىپ كەتسە، يېتىۋېلىش خەۋپى بار.

بۇغداي مايسىسى يېتىۋېلىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. بىرى، يىلتىزدىن يېتىۋېلىش. تۇپراق ھىم بېسىلمىسا مايسا ئۈنگەندىن كېيىن، يىلتىزى ياخشى مۇقىملىشالماي، شامال، يامغۇردا توپا ئولتۇرۇشۇپ، يىلتىزى سىڭاريان بولۇپ، يېتىپ قالىدۇ. يەنە بىرى، غولىدىن يېتىۋېلىش. ئازوت ئوغۇتىنى كۆپ بېرىۋەتسە، يوپۇرمىقى قويۇق ئۆسۈپ كېتىپ، ئاساسى ئۈستىدىكى ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەي، يېتىپ قالىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:

ئوغۇت ۋە سۈيىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى: مايسا يېتىۋېلىش خەۋپى بار ئېتىزلارغا ئازوت ئوغۇتى بەرمەي، فوسفور، كالىي ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاپ، مايسا غولىنىڭ توم ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆسۈشى تەكشى بولمىغان ئېتىزلارغا، بوغۇم تارتىش مەزگىلىدىن باشاق تارتىپ چېچەكلىگىچە %0.4~%0.3لىك كالىي دى ھىدرو فوسفاتنى مايسا يوپۇرمىقىغا 3~2قېتىم پۈركىسە بولىدۇ.

مايسا شالاڭلىتىش ئۇسۇلى: زىچلىقى يۇقىرى، بۇلۇق ئۆسكەن، يېتىۋېلىش خەۋپى بار مايسىلارنى ۋاقتىدا شالاڭلىتىپ بولۇپ، 1قېتىم گەندە سۈيى قۇيسا بولىدۇ.

دورا بىلەن كونترول قىلىش ئۇسۇلى: پاكلو بۇترازول(多效唑) نى يوپۇرمىقىغا پۈركىسە، غولىنى چوڭايتىپ، يېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋە تۈپلەرنى پاكارلاشتۇرۇپ، بويىغا ئۆسۈپ كېتىشنى كونترول قىلىدۇ. پاكلوبۇترازولنى يېڭى كۆكەرگەندىن بوغۇم تارتىش مەزگىلىگىچە پۈركىسە بولىدۇ. ئادەتتە، قايتا كۆكەرگەن مەزگىلى دورا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇۋاپىق باستۇرۇش ئۇسۇلى: بوغۇم تارتىشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق باستۇرسا، بوغۇمنى تىمەنلەشتۈرۈپ، تۈپلەرنى پاكارلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بوش تۇپراقنى ھىملاشتۇرۇپ، يىلتىزىنى تۇپراق بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

关闭窗口