新疆伊宁县

كۆممىقوناقنى يەرنى ئاغدۇرماي تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسى
2017-08-19 17:49   يېزا ئىگىلىك تورى

[b]كۆممىقوناقنى يەرنى ئاغدۇرماي تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ قالغىلى، تەننەرقنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مۇۋاپىق نەملىكتە تېرىپ تولۇق ئۈندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شەھىرىمىزدە سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا مايسا تەكشى ئۈنىدۇ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىلەر:
1. يەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق تاللاش
تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر ، مۇنبەت، بوش، نەملىكنى، ئوغۇتنى ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى ۋە سۇغىرىشقا، توختام سۇلارنى چىەقىېىۋېتىشكە پايدىلىق يەرلەرنى تاللاش كېرەك، ئېغىر سېغىزلىق، ئاسان قاتماللىشىۋالىدىغان يەرلەرنى ياكى زەي يەرلەرنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش كېرەك. ئېغىر سېغىزلىق يەرلەرنى ياكى زەي يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشتا ھەر مونى 1200 - 1500 كىلوگىرام مەھەللىۋىي ئوغۇت ۋە 100 كىلوگىرام تۇڭفۇ بىلەن ئوغۇتلاش، ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ «ميەنشېنگېڭ» تۇپراق تەڭشەش دورىسىنى پۈركۈش، شاخ - شۇمبىلارنى ئېڭىزغا قايتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر نى قوللانغاندا، تۇپراقنى 1 - 2 يىلدا بوش تۇپراققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. زەي يەرلەرگە قارىتا زەيكەش چېپىپ زەي چىقرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەر ئاستى سۇ ئورنىنى 60 سانتىمېتىردىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھەمدە باشقا ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
2. خىمىيىۋىي ئۇسۇلدا ئوت - چۆپ توقىتىش
تېرىشتىن 5 - 7 كۈن ئىلگىرى ھەر موغا %41 لىك نۇڭتەيدىن 350 گىرامنى ياكى %10 لىك ساۋگەنلىڭدىن 1500 گىرامنى ياكى %20 لىك بەيساۋكۇدىن 250 گىرامنى 50 كىلوگىرام سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ پۈتۈن ئېتىزغا چېچىش ئارقىلىق ئېتىزدىكى ئوت - چۆپلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
3. ئەلا سورتلارنى تاللاپ تېرىش
شەھىرىمىزنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆممىقوناقنى ئاغۇرماي تېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، قۇرغاقچىلىققا، يېتىپ كېتىشكە، كېسەللىك - زىيانداش ھاشاراتلارغا تاقابىلچان، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى مۇۋاپىق شالغۇت كۆممىقوناق سورتلىرىنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن، جېڭدا 619، جېڭدا 818، دىكا007، لىنئاۋ - 1، لۇڭيۈي - 2، يۈيمېيتۇ103،گۈيدەن 30، نەنشياۋ18، نۇڭدا 108 قاتارلىقلار. قوش پەسىللىك كۆممىقوناق رايونلىرىدا چىلگە سورتلاردىن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 115 - 125 كۈن بولغان سورتلارنى تاللىسا مۇۋاپىق، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى بەك ئۇزۇن بولسا كىيىنكى ئېڭىز زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلىشىغا ۋە مەھسۇلاتىغا تەسىر يېتىدۇ.
4. مۇۋاپىق پەيتىدە تېرىش
مۇۋاپىق پەيتىدە تېرىش - ئەتىيازدا كۆممىقوناقنى ئاغدۇرماي تېرىپ تەكشى ئۈندۈرۈش، تېمەن مايسا يېتىشتۈرۈش، مۇقىم يۇقىرى ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى مۇقىم 12 تىن ئاشقان، ئېتىزدىكى تۇپراقنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى %60 (تۇپراق نەم ) بولغاندا تېرىسا بولىدۇ. بەك بالدۇر تېرىلسا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا زىيىنىغا ئاسان ئۇچىراپ، مايسىلار نابۇت بولىدۇ ياكى ئاجىز ئۆسىدۇ. بەك كىيىن تېرىلسا كىيىنكى ئېڭىز زىرائىتىنى تېرىش مەزگىلى كىچىكىپ كېتىدۇ.
5. مۇۋاپىق زىچ تېرىش
قوش قۇر-يەككە تۈپ قىلىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا بايلىقىدىن ۋە يەر مۇنبەتلىكى شارايىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك باشاق سانىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. قوش قۇر-يەككە تۈپ قىلىپ ئۆستۈرگەندە چوڭ قۇر ئارىلىقى 80 سانتىمېتىر، كىچىك قۇر ئارىلىقى 40 سانتىمېتىر بولىدۇ، تۈپ ئارىلىقى تېرىش زىچلىقىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ: غۇجمەك تىپتىكىلەرنىڭ 21 - 22 سانتىمېتىر، يېرىم غۇجمەك تىپتىكىلەرنىڭ 23 - 24 سانتىمېتىر، يېيىلىپ ئۆسىدىغان تىپتىكىلەرنىڭ 33 - 34 سانتىمېتىر بولىدۇ، شەھىرىمىزدە يېيىلىپ ئۆسىدىغان تىپتىكى سورتلاردىن جېڭدا 610، جېڭدا 818، لۇڭيۈي - 2 قاتارلىقلار ھەر مودا 3300 - 3500 تۈپ ئۆستۈرىلىدۇ، يېرىم غۇجمەك تىپتىكى سورتلار ىن گۈيدەن 30، نۇڭدا 108 قاتارلىقلار ھەر مودا 3600 - 3800 تۈپ ئۆستۈرىلىدۇ.
6. نىسبەت بويىچە ئوغۇتلاش
كۆممىقوناقنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تەلىپى بويىچە، ھەر موغا 1200 - 1500 كىلوگىرام مەھەللىۋىي ئوغۇت، 40 - 50 كىلوگىرام كومپلېكىس بىرىكمە ئوغۇت، 45 - 50 كىلوگىرام كالتىسىي سۇپېر فوسفات، 18 - 20 كىلوگىرام كالىي خلورىد ئاساسى ئوغۇت قىلىپ بېرىلىدۇ؛ ئاتىلىق پېپەك چىقىرىشتىن 8 - 10 كۈن ئىلگىرى ھەرموغا 12 - 15 كىلوگىرام ئورېيا، ياكى 30 كىلوگىرام ئورېيا ئۇۋىلاپ چوڭقۇر بىرىلىپ ئۈستى توپا بىلەن يېپىلىدۇ.
7. مايسا مەزگىلىدىكى پەرۋىش
1)
مايسىلارنى تەكشۈرۈپ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاش: كۆممىقوناق 1 - 2 يوپۇرماق چىقارغاندا ۋاقتىدا مايسىلارنى تەكشۈرۈپ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاش كېرەك. تولۇقلاپ تېرىشنى 3 يوپۇرماق چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە بىر قېتىم ئوغۇتلاپ ۋە سۇغىرىپ، مايسىلارنىڭ تەكشى ئۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2)
ۋاقتىدا مايسا بېكىتىش: كۆممە قوناق 4 يوپۇرماق چىقارغاندا، قوش قۇر-يەككە تۈپ قىلىپ ئۆستۈرگەندەھەر بىر ئۇۋىدا پەقەت 1 تېمەن مايسىلا قالدۇرۇلۇپ، ئاجىز ، كېسەل تەگكەن، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان مايسىلار يۇلىۋېتىلىدۇ، ئالا ئۈنگەن ئۇۋىنىڭ ئەتىراپدا مۇۋاپىق ھالدا ئىككى مايسا قالدۇرۇلۇپ، ھەر مودا يېتەرلىك مايسا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
8. كېسەللىك - زىيانداش ھاشاراتلار، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش
ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى زىيانداش ھاشاراتلاردىن يەر يولۋىسى، قارا تۈكلۈك قۇرت، ئوتتۇرا - كىيىنكى مەزگىلدىكى زىيانداش ھاشاراتلاردىن كۆممىقوناق كۆكقۇرتى، قاسىراقلىق قۇڭغۇز ۋە كۆكپىت بار، كېسەللىكلەردىن يوللۇق قۇرۇش كېسىلى ۋە يىپسىمان قارا باشاق كېسىلى بار. چاشقان زىيىنى ئاساسلىقى مايسا مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئۇنىۋېرىسال ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش» فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 1) دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش: ئاساسلىقى كېسەلگە تاقابىلچان سورتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەر بىلەن مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ئازوتلۇق، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش، ئېتىزلارنى تازىلاش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنى يىنىكلىتىش كېرەك. 2) فىزىكىلىق ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش: چاستوتىلىق ھاشاراتلارنى جەلىپ قىلىپ يوقىتىش چىرىقى ئارقىلىق ئېتىزدىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى جەلىپ يىغىپ، توخۇ باققىلى بولىدۇ. ھەر بىر چىراق ئارقىلىق 3 - 4 گېكتار ئېتىزنى تېزگىنلىگىلى بولىدۇ، كۆممىقوناق كۆكپىتى ۋە قىيپاش يوللۇق تۈن پەرۋانىسىنى جەلىپ قىلىپ يوقىتىش ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. 3) دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش: ئېتىزدىكى كېسەللىك، ھاشارات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، لېچىنكىلار كىچىك، كېسەللىك دەسلەپ پەيدا بولغاندا دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش كېرەك. گۈرۈچ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كېسەللىك - زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىشتا كۈچلۈك زەھەرلىك، قالدۇق تەسىرى يۇقىرى (جيائەنلىن قاتارلىق ) دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، يىغىۋېلىشتىن ئىلگىركى 15 كۈن ئىچىدە خىمىيىۋىي ھاشارات يوقىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش:: يەر ئاستى زىيانداش ھاشاراتلىرىغا قارىتا تېرىغاندا ھەر موغا %50 لىك فوكسىم (شىنليۇلىن)نىڭ مايلىق ئېمۇلسىيىسىدىن1 كىلوگىرامنى ئۇرۇق ئۈستىگە يېپىلىدىغان توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. كۆممىقوناق كۆكقۇرتىغا قارىتا كىچىك لېچىنكىلارنى %1.5 لىك فوكسىمدىن 0.5 كىلوگىرامنى 5 كىلوگىرام يۇمشاق توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ كۆممىقوناقنىڭ كارنايسىمان ئاغزىغا چاچسا ياكى %2.5 لىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك لۇچىڭجۈيجى مايلىق ئېمۇلسىيىسىنىڭ 1200 - 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىپ يوقاتسا بولىدۇ. چوڭىراق لېچىنكىلارغا قارىتا %10 لىك چۇجىن سۇسپېنزىيە دورىسىنى 200 ھەسسە سۇدا سۇيۇقلىتىپ ئالدىنى ئېلىپ يوقاتسا بولىدۇ. كۆكپىتكە قارىتا %2.5 لىك پۇشىيانى 800 ھەسسە سۇدا سۇيۇقلىتىپ ئالدىنى ئېلىپ يوقاتسا بولىدۇ.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش: يوللۇق قۇرۇش كېسىلىگە قارىتا ھەر موغا %3 لىك جىڭگاڭمېيسۇنىڭ سۇلۇق ئېرىتمىسىنى 60 كىلوگىرام سۇدا سۇيۇقلىتىپ تۇمانلىتىپ پۈركىسە بولىدۇ؛ چوڭ، كىچىك داغ كېسەللىكلىرىگە قارىتا ھەر موغا %50 لىك كاربېندازىم (دوجۈنلىڭ)نىڭ نەملىنىشچان پاراشوك دورىسىنى 500 ھەسسە سۇدا سۇيۇقلىتىپ تۇمانلىتىپ پۈركىسە بولىدۇ. كېسەللىك زىيىنى ئېغىر پەيدا بولغان ئېتىزلارغا ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ھەر ھەپتىدە 1 قېتىمدىن ئۇدا 2 - 3 قېتىم ئىشلەتسە بولىدۇ.
9. مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋېلىش
ئاشلىق ياكى يەم ـ خەشەك قىلىنىدىغان كۆممىقوناق ئورىما يوپۇرمىقى سارغىيىپ ئاقىرىشقا باشلىغان، دېنى قېتىشقا باشلىغاندا ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى يېغىۋېلىش كېرەك. ھۆل ئىستىمال قىلىنىدىغان تاتلىق، شىرنىلىك كۆممىقوناقنى سۈتسىمان پىشىش مەزگىلىدە يىغىۋېلىش كېرەك. بۇ چاغدا كۆممىقوناق باشىقى پۇراقلىق، تاتلىق، يۇمىران، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول بولۇپ تاۋارلىقى ياخشى بولىدۇ.


关闭窗口