新疆伊宁县

يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى
2017-09-19 17:37   تەڭرىتاغ تورى

دېھقان قېرىنداشلار ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە نېمە؟ ئاشلىقتىن كۆپرەك ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش؛ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى ئازايتىپ، جاپا تارتىۋەرمەسلىك. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئاساس قىلىنغان سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن دېھقان كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا يەتتى.

  يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئاساس قىلىنغان سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسى سۇ بىلەن ئوغۇتنى زىرائەتنىڭ يىلتىزىغا يەتكۈزۈپ، زىرائەتلەرنى ئېھتىياجلىق بولغان سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈش تېخنىكىسى بولۇپ، بۇنىڭدا سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاش بىرقەدەر تەكشى بولىدۇ. سۇ تېجەش تېخنىكىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھەر مو يەرگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى 100 كۇب مېتىردىن كۆپرەك ئازىيىپ، ئەنئەنىۋى چۆنەكلەپ سۇغىرىش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى 150تىن ئارتۇق ئاشتى، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى 6 تىن 15كىچە ئاشتى، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 50 كىلوگىرام، پاختا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ مو بېشى كىرىمى 700 يۈەن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ مو بېشى كىرىمى 1500 يۈەن ئاشتى. دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە ئوغۇت سۇغىرىش ئارقىلىق بېرىلىپ، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تېجەپ قېلىنىپ، مۇھىت بۇلغىنىش ئازايدى. بۇ تېخنىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئومۇملىشىشى شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېڭىلاشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

  ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. ئىقتىسادىي يېڭى نورمال ھالەتتە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئاساس قىلىنغان سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى يارقىن نۇقتا.

  يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان 1- ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ھازىرقى باسقۇچتا، نوپۇسنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى ھەم ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئېشىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا پەن- تېخنىكىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىلغار پەن- تېخنىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەم ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى تايانچلىق رولى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت دېھقانلىرىغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەكىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئەنئەنىۋى سۇغىرىش شەكلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭچە يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، سەرخىللاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ھەمكارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

  يېشىل بولۇش يېڭى باسقۇچتىكى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانى. يېشىل يېزا ئىگىلىكى دېگەنلىك خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس. مۇھىمى ئىلمىي ئوغۇتلاش، دورىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. بىز قوغلىشىۋاتقان يېشىل يېزا ئىگىلىكى ماھىيەتتە پەن- تېخنىكىنى تايانچ، زامانىۋى سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئاساس قىلغان تۈجۈپىلەشكەن يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت. يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئاساس قىلىنغان سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قىسمەن سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى توغرا كونترول قىلىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە قېتىمغا بۆلۈپ كۆپ قېتىم سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ ۋە دورىلاپ، ئىشلىتىش مىقدارى، ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى توغرا كونترول قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى ئازايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، بەلكى يېشىل بولۇپ، مۇھىتنى قوغدايدۇ.

  يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەممە ئىش ئىشلەشكە باغلىق. شىنجاڭنىڭ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئاساس قىلىنغان سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىرلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۇتقىدىن ياخشى پايدىلانغان. دېھقانلارنى بېيىتىپ، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىدىغان بۇ ئۇسۇلنى ئۆرنەك قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.


关闭窗口