新疆伊宁县

مېۋىلىك باغلاردا توخۇ باققاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
2017-10-17 12:15  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باغ- ۋارانلاردا توخۇ باقىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. بۇ خىل ئۇسۇلدا توخۇلار دەرەخلەرنى ئورگانىك ئوغۇت بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىدۇ؛ دەل- دەرەخلەر توخۇلار ئۈچۈن ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باغ- ئورمانچىلىق ۋە باقمىچىلىقتا قوش ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئادەتتە ئىقتىسادى ئورمان، ئىھاتە ئورمىنى، ماتىرىيال ئورمىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا توخۇ باقسا بولىۋېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، توخۇ سەكرەپ، ئۇچۇپ يۈرۈشكە ئامراق بولغاچقا، دەرەخ شاخلىرىغا چىقىۋېلىپ، ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ياش ۋە پاكار ئۆستۈرۈلگەن مېۋىلىك باغلاردا توخۇ باقماسىق كېرەك. توخۇلارنى يېتەرلىك ئەلا سۈپەتلىك يېشىل ئوت- چۆپلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، مېۋىلىك باغقا كۆكتات ۋە ئوت- چۆپلەرنى تېرىش كېرەك.

2.باقىدىغان توخۇ نەسلىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. مېۋىلىك باغلاردا مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يىرىك يەمگە چىداملىق ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك نەسىللەرنى تاللاپ بېقىش كېرەك. مېۋىلىك باغلاردا بېقىشقا ماس كېلىدىغان نەسىللەردىن ئاساسلىقى يەرلىك توخۇ، يەرلىك شالغۇت توخۇ نەسىللىرى، ئۇىڭندىن قالسا ئەلا نەسىللىك تۇخۇم توخۇلىرى بار.

3.مېۋىلىك باغلاردا توخ باققاندا ئاساسلىقى يايلىتىپ بېقىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. شۇڭا، بېقىش كۆلىمىنى باغنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئادەتتە ھەر مو يەردە 50 ئەتراپىدا توخۇ باقسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بېقىش زىچلىقى چوڭ بولۇپ كەتسە، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشقا قولايسىز بولىدۇ. يەنە توخۇلارنىڭ ماياقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ قىيىنلىشىپ، مۇھىتنى بۇلغايدۇ؛ زىچلىقى كىچىك بولسا، مېۋىلىك باغلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 4.توخۇلارنى كېچىدە، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن توخۇخانىنى يەر شەكلى ئىگىز، شامالدىن دالدا، تۈز جايغا سېلىش كېرەك. توخۇخانىنىڭ كۆلىمىنى ھەر 100توخۇغا   6- 7 كۇۋادىرات مېتىردىن توغرىلاپ ياسىسا بولىدۇ؛ ھەر 100 توخۇغا 1 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دان ئوقۇرىدىن 5نى تەييارلىسا بولىدۇ؛ مېۋىلىك باغ ئىچىگە سۇ قاچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ قويۇپ، توخۇلارنىڭ خالىغانچە سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مېۋىلىك باغ ئەتراپىغا تام قوپۇرۇش ياكى توردىن توساق ياساش كېرەك. 5. توخۇلار چۆجە مەزگىلىدە ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. بىر ھەپتىلىك بولغاندا توخۇخانىنىڭ تېمپۇراتۇراسىنى 32دىن 35 سېلسىيە گىرادۇستا، 2ھەپتىلىك بولغاندا 29دىن 32 سېلسىيە گىرادۇستا، 3 ھەپتىلىك بولغاندا 26دىن 29 سېلسىيە گىرادۇستا، 4 ھەپتىلىك بولغاندا 20دىن 26 سېلسىيە گىرادۇستا ساقلاپ، كېيىن تەدرىجى تېمپۇراتۇرانى تۆۋەنلىتىپ، تەبىئى مۇھىت تېمپىراتۇرىسىغا چۈشۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شامالدىتىشقا دىققەت قىلىپ، كاربون تۆت ئوكسېد ۋە ئاممۇياك گازلىرىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كېرەك؛ چۆجىلەرنى يېتىلىش مەزگىلىدە چوقۇم ئوزۇقلۇقى تولۇق داندىن يېتەرلىك بېرىپ بېقىش كېرەك. يايلىتىپ باققاندا، باغدىكى ئوت- چۆپ ۋە قۇرت- قۇڭغۇزلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۈندىلىك دېنىنىڭ مىقدارىنى نورمال ئۆلچەمدىن 10دىن 40 پىرسەنتكىچە، ۋېتامىنلىق خۇرۇچلارنىڭ مىقدارىنى 10دىن 80 پىرسەنتكىچە ئازايتىش كېرەك. بولۇپمۇ، قوغداش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چاشقان، مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دەرەخلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاندا ئاۋۋال توخۇلارنى كاتەككە سولاپ، ئاندىن چېچىش كېرەك.

关闭窗口