新疆伊宁县

كالا سۇلياۋ يەۋالسا، قانداق قۇتۇلدۇرۇش كېرەك؟
2017-08-19 17:46   يېزا ئىگىلىك تورى

كالا سۇلياۋ يەۋالغاندىن كېيىن جىمغۇرلىشىپ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ، كۆشىشى ئاستىلايدۇ. كۆشىگەندە ئېغىزىدىن كۆپۈك يانىدۇ ياكى قۇسىدىغاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. قورسىقى تۇرۇپ - تۇرۇپ كۆپىدۇ ۋە يەم سىڭمەسلىك ئەھۋاللىرى ھەم قەۋزىيەت كۆرۈلىدۇ. تېزىكى قۇرغاق، قوڭۇر كېلىدۇ. ئاخىرىغا بارغاندا ئىچى سۈرۈپ، سۇيۇق، شىلىمشىق ماددىلار ئارىلاش كېلىدۇ. قورسىقى ئاغرىپ بىئارامسىزلىنىدۇ، توختىماي بېشىنى قايرىپ قورسىقىغا قارايدۇ ياكى پۇتى بىلەن قورسىقىنى تېپىدۇ، كۆپىنچە ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتىدۇ، بېشىنى ئېگىپ كۆكرەك، قورساق قىسمىغا يېقىن ئەكىلىۋالىدۇ. تېز سۈرئەتتە داۋالاش ئۇسۇلى     كالىنىڭ سۇلياۋ يەۋالغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:   1. قېرىنىدىكى نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش: 500ml 1000ml سۇ يېغى، ياكى 1500ml 2000ml سۇيۇق فارافىننى بىر قېتىمدىلا ئىچۈرۈش، ياكى بولمىسا 400g -600g ناترىي سۇلفات (ليۇسۇەننا  钠酸硫) ياكى ماگنىي سۇلفات (ليۇسۇەنمېي  镁酸硫) نى 6000ml ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ، بىر قېتىمدىلا ئىچۈرۈش كېرەك.     2. قېرىن، ئۈچىيىنىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش: قېرىن، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىنىدىكى سۇلياۋنى تېزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، 1000ml سۇغا 10ml 15ml سترىخىنىن (فەنمۇبيې ف木番)،  30ml 50ml جىنتىيانا تىنىكتۇرىيىسى (لوڭدەندىڭ  酊胆龙)،  %95 لىك 50ml ئىسپىرت قوشۇپ بىر قېتىمدىلا ئىچۈرسە ياكى %3 لىك پىلوكارپىن (ماۋگويۈنشياڭجيەن  碱香芸果毛) ئوكۇلىنى 3ml 10ml تېرە ئاستىغا بىر قېتىمدىلا ئۇرسا بولىدۇ. 5 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش كېرەك.     3. ئاشقازىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئېچىشىنى توختىتىش كېرەك: ئاشقازاندىكى غەيرىي نەرسىلەرنىڭ ئېچىپ سېسىشىنى توختىتىش ئۈچۈن، %20 لىك 200ml -250ml ئىسپىرتقا 20g ئىختىئول(يۈشىجژ  脂石鱼) ۋە ئازراق سۇ قوشۇپ، بىر قېتىمدىلا ئىچۈرۈش كېرەك.     4. ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاش: سۇلياۋ يەۋالغان كالىغا 25g ناترىي ھىدرو كاربونات (تەنسۇەنچىڭنا  钠氢酸碳)،  50g ئېچىتقۇ پاراشوكى (جياۋمۇفېن  粉母酵) نى بىر قېتىمدىلا يېگۈزسە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ. 


关闭窗口