新疆伊宁县

چارۋا-مال نەسلىنى ياخشىلاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە تېزلىتىلىدۇ.
2017-10-02 19:10  

(ناھىيە چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى: 4024550، ئىدارە باشلىقى 13909994290؛ خەلق مال-مۈلۈك سوغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىش ئىشخانىسى 13319998182، دېرىكتور 13519998701)

1. نەسىل ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، چارۋىچىلىق سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ. ناھىيەمىزنىڭ چارۋا-مال نەسلىنى ياخشىلاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا 6 مىليون 390 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، 50 مىڭ تۇياق قويىنى ھەقسىز سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشقا 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، بىر تۇياق ئۇرۇقلاندۇرۇلسا 10 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، 15 مىڭ مو يايلاقنى قاشالاشقا، يايلاقتا نەسىل ياخشىلاش ئونۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدىن بەشنى قۇرۇشقا، سىمۇنتال كالا ۋە قويلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇشقا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ، ھەر بىر تۈرگە 300 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇششاق چارۋىلارنى ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتىدىن 10 نى يېڭىدىن قۇرۇشقا، 240 مىڭ تۇياق قويىنىڭ نەسلىنى ھەقسىز ياخشىلاشقا 2 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، 90 مىڭ دانە ئەلا سۈپەتلىك توڭ ئۇرۇق سېتىۋېلىشقا 2 مىليون 390 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ، دۆلەت تولۇقلىما بېرىدىغان 70 مىڭ تال توڭ ئۇرۇق، 7 مىڭ تال شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ئەلا سۈپەتلىك توڭ ئۇرۇقى، 13 مىڭ تال گىرمانىيە گۆش كالىسى توڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. ئائىلە چارۋىچىلىق مەيدان قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېڭىدىن 10 ئائىلە ئۈلگە چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇشقا مەدەت بېرىشقا 1 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. ناھىيەلىك ئائىلە چارۋىچىلىق ئۈلگە مەيدان قۇرۇلۇشىنى باھالاش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن ناھىيە دەرىجىلىك ئائىلە چارۋىچىلىق ئۈلگە مەيدانغا شۇ يىلى بىرقېتىمدا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.

3. چارۋا مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا 3 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، چارۋا-ماللارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدان قۇرۇلۇشىدىن بىرىنى ياساشقا 1 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، 40 مىڭ تۇياق كالا، 130 مىڭ تۇياق قويدىكى «ماي سىرىگۈچ»نى تەكشۈرۈشكە 2 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، بىر تۇياق كالا 18 يۈەن، بىر تۇياق قوي 15 يۈەن بولىدۇ.

4. زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنىڭ خىمىيەلىك ئۇسۇلىدا ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە يۇقىتىلىدۇ. 30 مىڭ مو يەردىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت-چۆپلەرنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇقىتىشقا 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ، مورىغا 60 يۈەن بولىدۇ.

5. دېھقان-چارۋىچىلار باقمىچىلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. 30 مىڭ تۇياق نەسىللىك سىيىر ۋە 30 مىڭ تۇياق مىكىجىن (چىشى چوشقا) سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىغا 9 مىليون 360 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىدۇ.

(1) نەسىللىك سىيىر: بىر تۇياقنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 300 يۈەن بولىدۇ. بۇ، يۇقىرىنىڭ تۈر ياردەم پۇلى 240 يۈەن، ناھىيە مالىيەسىدىن بېرىلىدىغان 20 يۈەن، دېھقان ئۆزى تاپشۇرىدىغان 40 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(2) نەسىللىك مىكىجىن (چىشى چوشقا): بىر تۇياقنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 60 يۈەن بولىدۇ. بۇ، يۇقىرىنىڭ تۈر ياردەم پۇلى 48 يۈەن، ناھىيە مالىيەسىدىن بېرىلىدىغان 4 يۈەن، دېھقان ئۆزى تاپشۇرىدىغان 8 يۈەننى ئىچىگە ئالىدۇ.

关闭窗口