新疆伊宁县

ئاق ئۆرۈك
2017-10-06 11:55  

ئۆرۈك غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆپ چىقىدىغان مېۋە بولۇپ، ئالمىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈك يېتىشتۈرۈش تارىخى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭ، ئۆرۈك ئىچىدە چوڭ ئاق ئۆرۈك داڭلىق بولۇپ، «ئىلىنىڭ ئۆرۈك ماكانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ناھىيە تەۋەسىدە ئۆرۈك سورتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ماي مايسا ئۆرۈكى، ماي قاپاق ئۆرۈكى، ياغلىق ئۆرۈك، چوڭ ئۆرۈك ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىلى ئاق ئۆرۈكى سېرىق كېلىدۇ. دانىسى چوڭ، ئېتى قېلىن، قەنت تەركىبى يۇقىرى، تالالىق، تەمى ئىنتايىن تاتلىق بولۇپ، ناھىيەسىنىڭ غەربىي چېگرا رايونىدىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى 7-ئايدا ئاق ئۆرۈك پىشقاندا تەمىنى تېتىپ باققۇچىلار ۋە توشۇپ ساتقۇچىلار، سەيلى-ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۆزۈلمەيدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جەريانىدا كۆز قارىشى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرگەن ناھىيە خەلقى بۇ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، «ئۆرۈك» ئۆستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. كۆپلىگەن ئۆرۈكلۈك باغلار كوللېكتىپ ساياھەت ئارامگاھى، ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئىلى ئاق ئۆرۈكى يېزىلارنىڭ بېيىش ۋە سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئۆزگىچە رول ئوينىدى.

关闭窗口