新疆伊宁县

ئىلھامجان ئىمىنجان قاتارلىق تۆت نەپەر يولداشنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە
2017-09-28 17:29  

غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى [2017] 108-نومۇرلۇق    


ئىلھامجان ئىمىنجان قاتارلىق تۆت نەپەر يولداشنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە

غۇلجا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى:

غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى [2017] 48-نومۇرلۇق ھۆججتىنىڭ روھى بويىچە، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنىدا تەتقىق قىلىپ تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بېرىلدى:

يولداش ئىلھامجان ئىمىنجاننى ناھىيەلىك ساقلىقىنى ساقلاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش؛

يولداش ياڭ ۋېنجېننى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەش؛

يولداش ما جياڭپىڭنى ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەش؛

يولداش جاپپار غۇپۇرنى سودا ۋە ئىقتىسادنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش.

قاراپ چىققايسىلەر.


غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى

2017-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى


关闭窗口