新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە بىرلىكسەپ-مىللەت-دىن خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى
2017-11-13 13:17  

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيەمىزدە بىرلىكسەپ-مىللەت-دىن خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى.ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەيزىراخمان ئابدۇراخمان ۋە ناھىيەمىز بىرلىكسەپ-مىللەت-دىن سىستېمىسىدىكى 120 دىن ئارتۇق كادىر يىغىنغا قاتناشتى.

ئادىل مەمەت باشچىلىقىدىكىلەر ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىنىڭ يۇقارقى بەشئون كەنتى، ئۈچئون كەنتى، چولۇقاي يېزىسى سايمەھەللە كەنتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چولۇقاي يېزا سايمەھەللە كەنتىنىڭ يىغىن زالىدا خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى.

 ئادىل مەمەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، بىرىنچىدىن، يېزا-بازار (مەيدان)لار ئىلغار تەجىرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم، پۈتكۈل ناھىيەدىكى بىرلىكسەپ-مىللەت-دىن سىستېمىسىدىكى كادىرلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدىكى ئاساسلىق فاڭجىن ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پەيزىراخمان ئابدۇراخمان خۇلاسە سۆزى قىلىپ، يېزا-بازار (مەيدان)لاردىن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قاتتىق، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشنى، يىغىن روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

关闭窗口