新疆伊宁县

غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
2017-11-08 12:56  

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ھۆكۈمەت 3-قەۋەت يىغىن زالىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى.يىغىنغا ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتناشتى.

 

يىغىندا، ئالدى بىلەن، ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈەن يىكۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «پاراتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش تىزىسى» نى يەتكۈزدى.

مۇئاۋىن مۇدىر ئابدۇۋەلى«غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9-نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، غۇلجا ناھىيە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى يەتكۈزدى.

قانۇنچىللىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن چاۋخۈي «غۇلجا ناھىيە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش لايىھەسى» نى يەتكۈزدى.

ئاخىرىدا، ئىشخانا مۇدىرى پولات ئەزىز سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى: بىرىنچىدىن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئىشخانا كادىرلىرى 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تولۇق چۈشىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يىللىق نەتىجە-ئۈنۈم باھالىشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەربىر كادىر يىل بېشىدىكى نىشان-ۋەزىپىلىرى ۋە خىزمەت تەقسىماتى بويىچە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملىشى كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، ئۇچۇر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تور بېكىتى، ئۈندىدار سۇپىسىدا ئۇچۇر توپلاش، رەتلەش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ گۇاڭلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

关闭窗口