新疆伊宁县

ناھىيەلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى
2017-11-04 12:49  

3-نويابىر، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى تەشكىللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ئالاقىدار يىغىن، ھۆججەتلەرنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

ياڭ شىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1-قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى» قاتارلىق يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھى ئۆگىنىلدى.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، پۈتۈن ناھىيەمىزدە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك. پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، ئۆگىنىش، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش، دوكلاتنى، پارتىيە نىزامنامىسىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسا ئەسلى ماقالىنى ئوقۇش، كۆچۈرۈش، ئەسلى قانۇنىيەتنى ھېس قىلىش. تەشۋىقات بۆلۈمى يادرونى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزنى ئىگىلەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل ۋاسىتە، كۆپ تەرەپتىن ئاخبارات تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈچلۈك تەشۋىقات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى مەزكۇر سىستېما، ساھە، تارماقلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەلبىمىزگە سىڭدۇرۇپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئىش ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ھەرىكىتىمىزدە نامايەن قىلىپ، «مىخ» روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.

ياڭ شىنپىڭ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ 3-نويابىردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

ئاخىرىدا، ياڭ شىنپىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، بارلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلار قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، رەئىسى پېردون مەمەت قاتارلىق ناھىيە تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى، يېزا-بازار (مەيدان) لار تارماق يىغىن مەيدانىدا ئۆگىنىشكە قاتناشتى، ئۆگىنىشكە قاتناشقۇچىلار كەنتلەرگىچە كېڭەيتىلدى.

关闭窗口