新疆伊宁县

ياڭ شىنپىڭ گەمە كەنتىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
2017-11-03 12:46   غۇلجا ناھىيە نۆل ئارىلىق ئۈندى

2-نويابىر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ خۇدىياريۈزى بازىرى گەمە كەنتىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ۋە كەنتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىنى ئىگىلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گەمە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى لى يۈەنمىن كەنتنىڭ قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ۋە گەمە كەنتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىكىر يولىنى قىسقىچە دوكلات قىلدى.

ياڭ شىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا يېڭىچە كەيپىيات يارىتىش تەكىتلەندى، لى يۈەنمىن 19-قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوبلاست، ناھىيە بويىچە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرشى كېرەك. يېزىلارنى گۇللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە، كەسپلەرنى سېلىشتۇرۇپ روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئولتۇراقلىشىشقا ماسلاشتۇرۇش، يېزىلار مەدەنىي بولۇش، تۈزەش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ گەمە كەنتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۇچەيتىش جەھەتتە، 19-قۇرۇلتايدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گەمە كەنتى نۆۋەتتىكى ئاساسىي ئاساسىدا، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، تەشكىلىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، سىياسىي فۇنكىسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەلەپ بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلاملارنى تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پولاتتەك قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ياڭ شىنىپڭ گەمە كەنتىنىڭ نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى كۇچەيتىپ قۇرۇلتاي روھىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش كېرەك. رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، گەمە كەنتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، گەمە كەنتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زور كۆلەمدە تەرەققى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى، بازارلىق پارتكوم، كەنت ئىككى كومىتېتى، ناھىيەلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسى، ناھىيەلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار،  دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇپ، كەنت ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلىپ، كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كەڭ ئىگىلەپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ،  كەنتتىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنى بىرلىكتە گۈزەل ئەتىنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيخۇا، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى دائىمىي ئەزاسى، ناھىيەلىك «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ چياڭ ۋە يېزا-كەنت كادىرلىرى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى، ناھىيەلىك پارتكوم ئاساسي قاتلام ئىشخانىسى، ناھىيەلىك پاتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

关闭窗口