新疆伊宁县

غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى
2017-10-31 12:38  

30-ئۆكتەبىر، غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت دوكلاتى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

ئادىل مەمەت مۇنداق دېدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، پائال تەييارلىق قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك.

ئادىل مەمەت ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىن تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى:

بىرىنچى، يادرونى ھىيمايە قىلىش. باشتىن –ئاخىرى يولداش شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش. ھەر قايسى تاماقلار تېزدىن قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى پارتىيە دەرىسى، بىرىنچى سىياسىي زۆرۈر دەرس قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، شەكىلگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ. تۆتىنچى، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش. ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، بىر ئۆلۈش ئورۇنلاشتۇرۇپ، توققۇز ئۆلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش. ئۆز قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە، بىر مەقسەتتە، تەڭ قەدەمدە مېڭىشى كېرەك.

ئاخىرىدا، ئادىل مەمەت يىل بېشىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە مۇناسۋەتلىك 13 تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قارىتا ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلدى:

بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. يىل بېشىدىكى «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى» دا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشانلىق ۋەزىپە ___ ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتنىڭ پۈتكۈل ناھىيەمىز خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ھۆكۈمەت مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى يىل بېشىدىكى نىشانلىق ۋەزىپە بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ۋاقىت تۈگۈنلىرى بويىچە، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يىل بېشىدىكى «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى»دا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشانلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپ تاماقلار بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ، بېجىرگۈچى ئورۇنلار يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، رەھبەرلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، مۇناسۋەتلىك مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ پائال قوللىشى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى، تەشەببۇرسكارلىق بىلەن ئىش قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، مەسئۇلىيەتنى ئۆزئارا مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشكە، قۇرۇق تالاش تارتىش قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيتى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش. يىل بېشىدا چۈشۈرگەن «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تەقسىملاش لايىھەسى» نىڭ تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»ى ھەر ئايدا بىر قېتىم بېجىرىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگىشىپ نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەتنى ئارقىغا سۆرىگەن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ياخشى بولمىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، نۆۋەتتىكى 13-تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى. مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى كۈچەپ ئورۇنداش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشى بويىچە «قايتا قاراش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش؛ قىش پەسىلدىكى كۆمۈر بازىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى رەسمىي باشلىنىدىغان كۈز پەسىللىك چارۋىلارنى يۆتكەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ چوڭ ھايۋاناتلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ 200 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھوجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەشنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مەجبۇرىي مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش رەسمىيەتلىرىنى تەستىقلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى يىغىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

关闭窗口