新疆伊宁县

ناھىيەمىزدىكى«تۆت پېشقەدەم»لەرشەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
2017-10-17 12:31  

16-ئۆكتەبىر، ناھىيەمىزدىكى 999 نەپەر تۆت پېشقەدەملەر ئاپتونوم رايون تارقاتقان يېزا «تۆت پېشقەدەم»لەر شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرىۋالدى ۋە كەنتتىكى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆز رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى.

سەھەردىلا تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا تۇرپانيۈزى كەنتىدە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كەنتتىكى 6 نەپەر «تۆت پېشقەدەم» سەھنىگە چىقىپ ئاپتونوم رايون تارقاتقان يېزا «تۆت پېشقەدەم»لەر شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرىۋالدى. كەرىم غۇلام شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى.

كەرىم غۇلام بۇرۇن كەنتتە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە كەنت كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا كەنتنىڭ تۈرلۈك تەرەققىياتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئاپتونوم رايون تارقاتقان يېزا «تۆت پېشقەدەم»لەر شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپلا قالماي، يەنە كەنت خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىنىپ، «پارتىيە، كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئۇنىڭ كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

شۇ كۈنى ناھىيەمىزدىكى ھەرقايسى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەنتلەردىكى «تۆت پېشقەدەم»لەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى، تۇرمۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 999 نەپەر تۆت پېشقەدەملەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى ۋە ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئۈچىنچى پەسىللىك تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ «ئون يۇلتۇز»لۇق تەشكىلات بولۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي تەشكىللەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئۈلگە كۆرسىتىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەل رايىنى توپلاش، قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ تەربىيەلەش، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇشقا ياردەملىشىش، كەنت قىياپىتىنى تۈزەپ تەرتىپكە سېلىشنى نازارەت قىلىش، زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، كەنتتىكى غوللۇق كادىرلارغا ياردەملىشىش، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، كەنت قائىدىسى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا 10 نەپەر تۆت پېشقەدەمنى تەكلىپ قىلدى. شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى كەنتلەردىكى تۆت پېشقەدەملەر ئىش ئورنىغا پائال ئاتلاندى.

关闭窗口