新疆伊宁县

غۇلجا ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىنى كۆردى
2017-10-18 18:30   غۇلجا ناھىيە نۆل ئارىلىق

18-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ قۇرۇلتايدا 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن مول مەزمۇنلۇق، كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان خىزمەت دوكلاتى بەردى. ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرۈپ، بۇ تارىخي دەملەرگە ئورتاق شاھىد بولۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى دەۋر روھىنى ھېس قىلدى.

ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەرھات سەئىدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شنپىڭ قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، ئاپتونوم رايون، ئوبلاستنىڭ ناھىيەمىزدە تۇرۇشلۇق نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «يۈنجياڭ» بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى ۋە خاتىرە قالدۇردى. ئۆتكەن بەش يىلدىكى دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن ئىلھام ئېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىدىن ھاياجانغا چۆمۈپ، ناھىيەمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بولغان ئىشەنچىسى تولۇپ-تاشتى.

خۇدىياريۈزى بازىرىنىڭ گەمە كەنتىدىكى دېھقانلار كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدا 300 دىن ئارتۇق كادىر ۋە ئامما پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قورۇلتاينىڭ بىۋاسىتە تارقىتىشىنى كۆرىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن خاتىرە قالدۇرىۋاتاتتى. 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى نادىر بايانلار كەنت ئاممىسىنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. كەنت ئاممىسىمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆپچىلىكنى يەڭنى تۈرۈپ قاتتىق ئىشلەشكە يېتەكلىگەچكە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات توغرىلىنىپ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر  بارلىققا كېلىپ، كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

كۆپچىلىك دۆلىتىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يەنىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ كۈنسېرى گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرقايسى يېزا-بازار(مەيدان)لاردىكى كەنت-ئەترەت(مەھەللە)لەر، كارخانىلار، كاسپىي ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى يىغىن ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن كۆردى.


关闭窗口