新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە كادىرلار مەركەزلىك كەچلىك كۇرسى تەشكىللەندى
2017-10-12 18:35  

10-ئۆكتەبىر كەچتە، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كادىرلار مەركەزلىك كەچلىك كۇرسى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە ئويۇشتۇرۇلۇپ، «بەش يىلدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە 6-ئۆكتەبىردىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە نۆۋەتتىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، زور تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈس ئالدى،پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قەلبى بۇنىڭدىن روھلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئويۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە يادروسى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ 12 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر قائىدە تۈزۈملەرنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتىكى نەتىجىلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەدە «سەككىزدە تەۋرەنمەسلىك» كېرەك: بىرىنچى، سىياسىي ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە، سياسىي ۋە ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزنىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىككىنچى، غايە-ئېتىقادنى قەتئىي تەۋرەنمەي مەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بەشنى تۈگىتىپ، بەشنى تۇرغۇزۇش»نى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچى، ئىككى مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى، ھالقىلىق ئاز ساندىكىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەرقايسى ئورۇن ۋە تارماقلارنى پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش؛ بەشىنچى، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنى مەركەر قىلىپ، «تۆت ئىستىل»دىكى يوشۇرۇن ئۆزگىرىشلەر ۋە كاززاپلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، لەيلىمىچىلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك كەيپىياتى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ ئالتىنچى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ ساقلاپ، كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى نازارەت قىلىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دۇرۇس ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن چۆچۈتۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكىئولوگىيەنى داۋاملىق يارىتىش؛ يەتتىنچى، نەتىجىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ، چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل ياخشىلاشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ سەككىزىنچى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ناھىيەمىزدىكى بارلىق كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

ياڭ شىنپىڭ يەنە يولداش يۈ جېڭشېڭنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە يولداش مېڭ جيەنجۇنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرى» قاتارلىق ھۆججەت ۋە يىغىنلارنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

ياڭ شىنپىڭ يېزىلاردا تۇرۇشلۇق نازارەتچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى، ھەر دەرىجىلىك نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ قايتىما ئىنكاس مەسىلىلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش خىزمىتى، دىجورنىلىق، «ئەتىگەندە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەچتە مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۈندىلىك خاتىرىلەش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، رەئىسى فېردون مەمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاساسلىق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى يېزا-بازار (مەيدان)لارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى، كەنت بىرىنچى سېكرېتارى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى.


关闭窗口