新疆伊宁县

يايلاقتا جاپالىق ئىشلەۋاتقان چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش خادىمى
2017-10-15 18:26  

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كۆكۈرچىن تېغى ئېتىكىدىكى كەڭ كەتكەن توغراسۇ يايلىقىدا ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر ئۇدا تۆت يىل ئوتلاق چاشقىنى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىشنىڭ جاپالىق بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئايال مۇداپىئە كۆرۈش خادىمى بولۇپ، ئۇ دەل غۇلجا ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاۋ يەن (郝燕).

كۆكۈرچىن تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدىكى ئالتە مىڭ گېكتار يەرنى ئۆلچەپ تەكشۈرىدىغان ئاچال چۇما كېسىلىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسى خاۋ يەننىڭ خىزمەت قىلىدىغان جايى.

2014-يىلى، خاۋ يەن شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرسىتېتى كىلىنىكىلىق داۋالاش ئىلمى تەكشۈرۈش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يەرگە كېلىپ چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش خادىمى بولدى. ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنىلا ئۇ ناچار تەبىئىي مۇھىتىدىن قورقۇپ قايتىپ كېتىشنى ئويلىدى. ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يولى بىلەن ناھىيەگە قايتىش ئۈچۈن ئۈچ سائەت كېتەتتى، ئالاقىلىشىش سىگنالى يوق بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر بىلەن تېلېگراف ئالاقىسى قىلغىلى بولمايتتى، تور تېخىمۇ يوق ئىدى. كېچىدە ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئۆرىۋەتكۈدەك قاتتىق شامال چىقاتتى. تاغقا چىققان تۆتىنچى كۈنى، خاۋ يەن ئاران تەستە بىر چارۋىچىنىڭ تۆۋەنگە قوي يۆتكەيدىغان ماشىنىسىغا 150 يۈەن كىرا بېرىپ ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلدى. ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، سىڭلىسىغا ئىچى ئاغرىپ شاڭخەيدىن ئايروپىلان بىلەن بۇ چەت يايلاققا كەلدى.

ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاۋ يەن (郝燕) مۇنداق دېدى:

ئاكام مەندىن بەرداشلىق بېرەلەمسەن، دەپ سورىدى، ئەينى چاغدا مەن ئاكامنى كۆرۈپلا ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم، لېكىن مەن يەنىلا ئاكامغا «مەن قىلمىسام باشقا قىلىدىغان ئادەم يوق، مەنمۇ باشلىققا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالىمەن» دەپ، ئاكام بىلەن يەڭگەمنى ئۇزىتىپ قويدۇم، يېنىپ كېلىپ تازا يىغلىدىم. ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق ئىشقا كىرىشتىم. ھەر يىلى ماي ئېيى يايلاق يېشىللىققا چۆمىشى بىلەن، خاۋ يەن باشقا ئالتە خىزمەتدىشى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋاناتلاردىكى چۇما كېسىلىنى تەكشۈرىدۇ. ھەر كۈنى سەھەر ئالتىدە مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ۋابا مەنبەسى بولغان قاقاس تاغ چوققىسىدا ئۈلگە قىلىنىدىغان چاسا ياساپ، تاختا مۈشۈك ئورنىتىپ، چاشقان تۆشۈكىنى تەكشۈرۈپ، چاشقان ئۇۋىسىنى بۇزۇپ، چاشقان ئۇۋىسىنى تەكشۈرىدۇ. پارازىت ھايۋانلارنى تەكشۈرگەندە، كۈن پېتىشتىن 3 سائەت بۇرۇن ۋە كۈن پېتىپ ئۈچ سائەتكىچە يىراقتا دۇربۇن بىلەن نۇقتا قىلىنغان يەردىكى سېرىق چاشقاننىڭ يەر يۈزىدىكى ھەرىكىتىنى كۈزىتىدۇ. تۆت سائەت يەردە يېتىش ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى. بەزىدە ئوخشىمىغان بۆلەكلەردە 3 لىنىيەنى تاللاپ، ھەر بىر لىنىيەنىڭ 10 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان چاشقانلارنىڭ سانىنى كۈزىتىدىغان بولۇپ، كۈنىگە 20 كىلومېتىر مېڭىش ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس ئىدى. دالىدا ئىشلىگەچكە، مۇزدەك قاتتىق نانلار ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تامىقى ئىدى. ئەڭ چىدىغۇسىز بولغىنى جىمجىتلىق بولۇپ، تەكشۈرۈش رايونىدا كۈنلەپ-كۈنلەپ بىرەر ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا ئۇلار ئاندىن تاغدىن چۈشەتتى.

ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش خادىمى ئېرنار سېيتكامال مۇنداق دېدى: ئۇ جاپادىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدۇ، بىز ئەرلەرمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي قالىمىز، ئۇ خۇددى ئەرلەردەكلا خىزمەت قىلىدۇ.

خاۋ يەن تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى بىردىنبىر كەسپىي تېخنىكا خادىمى بولۇپ، چۇما كېسىلىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە تەجرىبىخانىدا چاشقان تېنىدە بۈرگە، ھايۋان، ۋاستىلىك ئېتىئولوگىيەلىك ۋە سېرولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىدۇ، كەچلىكى يەنە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدىغان چاشقانلارنى كۈزىتىپ، بىر كۈنلۈك خىزمەت خاتىرىسىنى يازىدۇ. ھەر يىلدىكى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىكى بەش ئاي ئىچىدە، ئۈچ يۈز ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق كۈسۈتكە، 20 پادىچى ئىتنىڭ قان زەردابى،100 سۇغۇرنى ۋاستىلىك ئېتىئولوگىيەلىك ۋە سېرولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى تاماملايدۇ ۋە ھاشارەتلەرنى ۋاسىتىلىك تەكشۈرىدۇ، شۇڭا بەش ئالتە سائەت تەجرىبىخانىدىن چىقماسلىقمۇ ئادەتتىكى ھەرىكەتكە ئايلاندى.

ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاۋ يەن (郝燕) مۇنداق دېدى:

ئۇلار ھايۋانلارنى ئېلىپ كەلگەندە، مەن تەجرىبە ئىشلىمىسەم بەك ئىسراپچىلىق بولىدۇ. ناۋادا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەرسىدە ۋابا كېسىلى بولۇپ قېلىپ، تەجرىبە ئىشلەنمەيلا تاشلىۋېتىلسە، بۇ يەردىكى ھەممەيلەن يۇقۇملىنىپ، غۇلجا ناھىيەسىدىكى بارلىق پۇقرالار ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلاردىكى چۇما كېلىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، چۇما كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلغانلىقى خاۋ يەننىڭ كۈندە تەكرارلىنىدىغان مۇرەككەپ ۋە جاپالىق خىزمەتتىن ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ ھاسىلاتى ئىدى. ناھىيەمىزنىڭ 2016-يىلدىكى ئادەملەردە چۇما كېسىلى كۆرۈلمەسلىك ئەھۋالى ۋە چۇما كېسىلىنى تەكشۈرۈش شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش خىزمىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئۇ يەنە بىردىنبىر ئايال زاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 2016-يىللىق چۇما كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس شەرىپىگە ئېرىشتى.

ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خاۋ يەن (郝燕) مۇنداق دېدى:

مەنمۇ بۇ خىزمەتنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بۇ خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدىم.


关闭窗口