新疆伊宁县

قۇرماش سېرجان غۇلجا ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-10-07 13:54 ئەمىرۇللا 

10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان ئەۋلىيا يېزا ئەۋلىيا كەنتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قۇرماش سېرجان ئەۋلىيا كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، مۇئاۋىن ھاكىم مايوڭ ۋە ئوبلاست، ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدى.

قورماش سېرجان مۇنۇلارنى كۆرسەتتى،ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى؛ تۈر مەبلىغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق نامرارتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى مېخانزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنى تەدىرىجىي بېيىتىپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكى ۋە بەخىت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. قۇرماش سېرجان يەنە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن چارۋىچىلارنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھويلا-ئاراملارنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلدى.

قۇرماش سېرجان يەنە، ئەۋلىيا يېزا ئەۋلىيا كەنتىنىڭ كەنت بازا قۇرۇلۇشى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

 

关闭窗口