新疆伊宁县

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىپنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
2017-10-02 13:02 ئەمىرۇللا 

1-ئۆكتەبىر، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «باش نىشانغا ئۇيۇشۇپ، 50 كۈن قاتتىق ئىشلەپ، ھېچقانداق ئىش چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» نىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇنۇلارنى تەكىتلدى: ھەربىر خىزمەتنى تەلەپ بويىچە پۇختا تاماملاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھايەتتىنمۇ تۈزەش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ۋە ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قاش يېزىسى، سامىيۈزى يېزىسى، دۆڭمازار بازىرى ۋە خۇدىياريۈزى بازارلىرىغا بېرىپ، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش، «ئەتىگەندە يىغىن ئېچىپ كادىرلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، كەچتە يىغىن ئېچىپ خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش» خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە يېزا-كەنت كادىرلىرى، كەنت 1-سېكرېتارلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق مەسچىت باشقۇرۇش كادىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش جەرىيانىدا، ياڭ شىنپىڭ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئالدىنقى سەپتە ئىشلەۋاتقان بارلىق كادىرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ھەر قايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي، چىڭ ، ئىنچىكە تۇتۇپ ئىشلەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەت نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىنى؛ ھەر قايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرى ھەر بىر تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تەلەپ بويىچە پۇختا ئورۇنداپ، مەسىلە تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ بىر-بىرلەپ تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بوشاڭلىق قىلماي ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشىنى؛ «ئومۇميۈزلۈك ئائىلىلەرگە كىرىش» پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىپ، سانىنى ئېنىقلاپ، ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئاممنىڭ ھالىغا يېتىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، «باش نىشانغا ئۇيۇشۇپ، 50 كۈن قاتتىق ئىشلەپ، ھېچقانداق ئىش چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش»نىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئورۇنداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى دائىمىي ئەزا، ناھىيەلىك «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ چياڭ ۋە ناھىيەلىك «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدى.

 

关闭窗口