新疆伊宁县

ياڭ شىنپىڭ شەھەر مۇھىت تازىلىقى كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تەكشۈردى
2017-08-21 17:34 ئەمىرۇللا 

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، پىلانلاش ئىدارىسى، قاتناش ترانسىپورت ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارىلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، غەربىي 2-رايون، ھاراق زاۋۇت يولى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ۋە كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ھەمدە نەق مەيداندا خىزمەت دوكلاتى ئاڭلىدى.

ياڭ شىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ئولتۇراقلىشىشىقا باپ شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتى. ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تۈزىشى، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ، سولياۋدىن بۇلغىنىشنى كۈچەپ تۈزەپ، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈزىشى كېرەك.

ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، شەھەر مۇھىت تازىلىقىدا ئىنچىكە ھالقىلاردىن تۇتۇپ، شەھەر كوچا-يوللىرى، مەنزىرە بەلبېغى قاتارلىقلارنى تەلتۆكۈس، پاكىزە تازىلاش كېرەك؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ھەربىر ئورۇن، ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، پىلانلاش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھاراق زاۋۇتى يولىنىڭ پىلان-لايىھەسىنى ئىنچىكە تۈزۈپ، كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ناھىيەمىزنىڭ شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈزۈكسىز تىرىشىشى كېرەك.

关闭窗口