新疆伊宁县

‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك›بولدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىردى
2017-08-22 17:28 ئەمىرۇللا 

8-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ «جىىنچۈەن» كانچىلىق چەكلىك شېركىتىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ناھىيەمىزنىڭ پىشقەدەم كادىرلار پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى جارتاي مۇقاش، خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاسىيەم ھېمىت قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

مۇراسىمدا، «جىنچۈەن» كانچىلىق چەكلىك شېركىتى باش دېرىكتورى لى شەنرېن ناھىيەلىك خەيرى- ساخاۋەت باش جەميىتىگە 700 مىڭ يۈەن خەيرى-ساخاۋەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلدى، شۇنداقلا جارتاي مۇقاش ۋە ئاسىيەم ھېمىت قاتارلىقلار ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.

مۇراسىمدا، «جىنچۈەن» كانچىلىق شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لى شەن رىن بۇ يىلدىن باشلاپ، خەيرى-ساخاۋەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ھەر يىلى 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، ئۈرۈك يۇرتى خەلقىنى كارخاننىڭ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جارتاي مۇقاش «جىنچۈەن» كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ناھىيىمىز مائارىپ ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا، ئالى مەكتەپ بوسۇغۇسىغا قەدەم قويۇش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇراسىم ئاخىرىدا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 252 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 756 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى.

关闭窗口