新疆伊宁县

ناھىيەمىزدىكى ياش زاپاس كادىرلار نەنتۇڭ شەھرىدە تەربىيەلىنىشكە باشلىدى
2017-08-23 17:19 ئەمىرۇللا 

ناھىيەمىزدىكى ياش زاپاس كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 22- كۈنى نەنتۇڭ شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. نەنتۇڭ شەھەرلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل ھەيئىتى، تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش كاڭ يىجىيەن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دەرىسلىك ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. نەنتۇڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش جاڭ خۇي مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى:بىرىنچىدىن، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ــ پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، كۆپچىلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قېلىپلاشقان باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيلەشنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ئۈچىنچىدىن، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىگە كۆپرەك بىلىم توپلاپ، ئۆگىنىشتىن تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈمۈدنى يەردە قويماسلىق لازىم.

مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كىيىن، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش جاڭ خۇي «لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولايلى »دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، «نىمە ئۈچۈن ھەممە تەرەپتىن يىتىشكەن لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ؟»، «قانداق قىلغاندا ھەممە تەرەپتىن يېتىشكەن لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولغىلى بولىدۇ؟»،«ھەممە تەرەپتىن يېتىشكەن لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىنى قانداق يېتىشتۈرىمىز» دېگەن نۇقتىلاردىن كۇرسانتلارغا پارتىيە دەرىسى ئۆتتى.

ئاخىرىدا كۇرسانت ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، دەرىسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، نەنتۇڭ شەھرىنىڭ ئىلغار تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئونىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، مۇنەۋۋەر كادىرلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز يۇرتىغا ۋە ھەرمىللەت خەلقىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىگىلىنىشچە، ناھىيەمىزدىكى يېزا-بازار (مەيدان) ۋە ئورگانلاردىن 26 نەپەر ياش زاپاس كادىرلار نەنتۇڭ شەھىرىدە بىر ئاي تەربىيەلىنىدىكەن.

 

关闭窗口