新疆伊宁县

ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمىچىلىقى ۋە كىيىم-كىچەك كەسىپلەر باغچىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى
2017-08-24 17:09 ئەمىرۇللا 

8-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمىچىلىقى ۋە كىيىم-كېچەك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى 700 دىن ئارتۇق ئىشچىلارغا ئورۇنداپ بەرگەن مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى ھەم كۈتۈپخانا قۇرۇپ بەرگەن كىتاب ئارىيەت بېرىش ئورنى ئىشچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

كۈتۈپخانا قۇرۇپ بەرگەن كىتاپ ئوقۇش ئورنىدىن ئىشچىلار بەس-بەستە كىتاب ئارىيەت ئېلىشقا باشلىدى. يېڭسار ناھىيەسىدىن كېلىپ كەسىپلەر باغچا رايونىدا ئىشلەۋاتقان مەرىگۈل ۋاھاپ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىشتىن چۈشۈپلا كىتاپ ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن چاپتى.

مەرىگۈل ۋاھاپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « بۇيەرگە يېڭى كەلگەندە ئۆينى سېغىنىپ ئانچە كۆنەلمىگەن ئىدىم. ھازىر ھەرئايدا مائاش ئېلىۋاتىمەن، ياتاق-تاماقتىنمۇ غەم قىلمايمىز، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىمىزمۇ ئىنتايىن مول، كىتاب ئوقۇيمىز ياكى مۇشۇنداق سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇنداق مەنىلىك تۇرمۇشتىن ھەممىمىز بەك رازى، ئەمدى يۇرتنى ئۇنچىۋالا سېغىنىپ كەتمەيدىغان بولدۇم، مەن غۇلجا ناھىيەسىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم.»

ئارتىسلار ئورۇنلىغان ناخشا-ئۇسۇل، ئېتوت قاتارلىق سەنئەت نومۇرلار ئىشچىلارنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى.

ئېگىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى سەنئەت كېچىلىكى، سەييارە كۈتۈپخانا،كىنو قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇپ، كارخانا ۋە كارخانىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

关闭窗口