新疆伊宁县

مۇھىت ئاسراش ئەرزىيەتلىرى بىجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
2017-08-25 16:51 ئەمىرۇللا 

8-ئاينىڭ 24-كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلكىدە مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش 8-گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ۋە تەلەپلەرنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش تەپتىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، تاپشۇرۇلغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى بىجىرىلىشىگە تېز ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە بىردەك تولۇق جاۋاب قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈرلىكى تەكىتلەندى.

 

يىغىندا، يولداش ياڭ شىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چىن چۈەنگونىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىق يوليورۇقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىن روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى، «مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان مۇھىت ئاسراشقا دائىر ئەرز ۋە مەلۈم قىلغان دېلولارنى بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى قايتا يەتكۈزدى.

يىغىندا، ياڭ شىنڭپىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش 8-گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەزرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش 8-گۇرۇپپىسى تەپتىش قىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جان دىل بىلەن ياخشى ئىشلىشى؛ بېجىرىشكە تاپشۇرغان دېلولاردا «ئالتە دەرھال بولۇش» بويىچە يەنى: دەرھال بېجىرىش، دەرھال ئېنىقلاش، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دەرھال سۈرۈشتۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى دەرھال ئاشكارىلاش، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى دەرھال يۇقىرىغا يوللاشنى قەتئىي ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيتىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈپ، بېسىمنى قاتلام-قاتلاملارغىچە چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلام-قاتلاملارغىچە چىڭىتىپ، تۈرلۈك ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، تۈزەشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش كېرەك».

يىغىندا يولداش ياڭ شىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش گۇرۇپپىسى تۈزەشنى تەلەپ قىلغان مەسىللەرنى تەلتۆكۈس تۈزەش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىرگە، تارماقلار ئۆزى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، تېپىپ چىققان ئاجىز نوقتىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن بەل قويۋەتمەي ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى قول سىلىپ ئىشلىشى؛ ئۆزئارا ماسلىشىپ، كۈچلۈك بېرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراش تەپتىش گۇرۇپپىسى تەپتىش قىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقى رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىش كېرەك.

ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاۋ جيەنجياڭ، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، دۆلەت يەر-زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق 22 مۇناسىۋەتلىك ئورۇننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 

关闭窗口