新疆伊宁县

ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرى ساۋاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
2017-08-26 13:57   ھۆكۈمەت تورى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرى ساۋاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى.

ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ئاچقان تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىغا ياڭ شىنپىڭ، پەيزىراخمان ئابدۇراخمان، جارتاي مۇقاش، گوفېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىتىدە قاتناشتى.

ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ئاچقان تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىغا ئادىل مەمەت، لى خۇا، مايوڭ، ھاجىم مەمەتتۇرغۇن، دېڭ ياجۈن قاتارلىق رەھبەرلەر ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىتىدە قاتناشتى.

ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ئاچقان تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىغا خەمىت ھاكىم، ياڭ روتىڭ، ئاسىيەم ھېمىت، خا شيولى، تاۋلەن يىسىم، خۇاڭ جىيۈ قاتارلىق رەھبەرلەر ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىتىدە قاتناشتى.

ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىىڭ پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ئاچقان تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىغا لى چېڭ، پاتىمە ئادىلقان، چىن ئەنشىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى سالاھىتىدە قاتناشتى.

يىغىندا، ياچېيكا تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە بەدەل پۇلى يىغىش، ياچېيكىنىڭ تەشكلىي قۇرۇلمىسى، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە، ناھىيەمىزنىڭ «پارتىيە تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ئېچىشتا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ «پارتىيە بەدەل پۇلى يىغىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ئۆگىنىلدى.

ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ئاچقان تەشكلىي تۇرمۇش يىغىنىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى مۇنداق ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە قانۇن-قائىدىلەرنى ئۆگىنىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بىلىمنى توختاۋسىز يېڭىلاپ، كوممۇنىستلىق ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش لازىم. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئويۇشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەشكىلاتچانلىق ئېڭىنى ھەققىي كۈچەيتىپ، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئەستايدىل ئادا قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى يۈكسەك ئۆلچەم بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قائىدىنى تەكىتلەپ تۇرۇش ھەم ئىنتىزامغا بوي سۇنۇش كېرەك. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ھەرىكەتلىرىنى تازىلاشتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» لەر بىلەن ئاداققىچە كۆرەش قىلىش كېرەك.

关闭窗口