新疆伊宁县

مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-08-27 13:49   ھۆكۈمەت تورى

8-ئاينىڭ 24-كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار رەھبەرلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسىدا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى، ئومومىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، مائارىپ، مۇلازىمەت قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قوش تىل مائارىپى

ئادىل مەمەت تۆۋەنكى ھاسانيۈزى كەنت قوش تىل يەسلىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى: «ۋاقىت قىستاپ قالسىمۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان، زىيانسىز بېزەك ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ بالىلارغا ساغلام مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك.»

سالامەتلىك تەكشۈرتۈش

يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمەت ئەھۋال ئىگىلىگەندە مۇنداق دېدى: «بۇ خىزمەتنىڭ جاپاسى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شارائىتىنى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۈسكۈنىلەرمۇ ئىلغار ئەمەس، دوختۇرمۇ يىتىشمەيدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن خىزمەت ئاقسىتىپ قويماي، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەۋزەل سىياسەتلەردىن بەھىرىلەندۈرۈش لازىم ».

يېزىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئادىل مەمەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: « مۇقۇملۇقنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»

 

关闭窗口