新疆伊宁县

ئادىل مەمەت نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-08-28 13:44   ھۆكۈمەت تورى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت ئونيار يېزىسى ۋە ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدا نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئادىل مەمەت ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇن رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئونيار يېزىسى ۋە ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدا يېزا قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلىق ساغلاملىق تەكشۈرتۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئونيار يېزىسىدىكى قوش تىل يەسلىسى بۇ يىل ياسالغان يەسلىلەر ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭى بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2400 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇش ئاساسى قىسمى تاماملىنىپ، ھازىر بىزەكچىلىك ۋە يانداشما ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىۋاتىدۇ. ئادىل مەمەت قۇرۇلۇشنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، ۋەزىپىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئوقۇش باشلاش ۋاقتى قىستاپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەربىر ئىنچىكە نۇقتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، بالىلارغا ساغلام، پاكىزە مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك».

ئادىل مەمەت يېزىلىق شىپاخانىدا ئومومىي خەلق ساغلاملىق تەكشۈرتۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە مۇنداق دېدى: «يېزىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىپاخانا شارائىتىنىمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ كەتمەي، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. خىزمەتچى خادىملار ھېيتلىق دەم ئېلىشتا سىرتتىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ قايتىپ كەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىق تەكشۈرتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ ياخشى سىياسىتىدىن بەھىرلەندۈرۈش كېرەك».

ئادىل مەمەت يەنە ئونيار يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كېلىپ، يېزا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كەنىتنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «مۇقىملىقنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يىتەكلەپ، خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ھېيتنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم».


关闭窗口