新疆伊宁县

ئوبلاستىمىز رەھبەرلىرى ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمچىلىقى ۋە كېچىم-كىچەك كەسىپلەر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى
2017-08-29 13:42   ھۆكۈمەت تورى

8-ئاينىڭ 28-كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنىپڭ ھەمرالىقىدا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەرھات سەئىدى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن پېڭ ناھىيەمىزنىڭ ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمچىلىقى ۋە كېيىم-كىچەك كەسىپلەر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.

 

كۆزدىن كەچۈرۈشتە پەرھات سەئىدى قاتارلىقلار ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمچىلىقى ۋە كېچىم-كىچەك كەسىپلەر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ھەم كەسىپلەر رايونىغا ماكانلاشقان كارخانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سېخلارغا كىرىپ ئىشچىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھۆنەر، تۇرمۇش، مۇئاش تەمىناتىنى سورىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈشتە، پەرھات سەئىدى: «توقۇمچىلىقنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ پايانسىز زېمىندىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە ھەر جەھەتتىن سىياسەتلەر بىلەن يۆلەپ كەلدى.غۇلجا ناھىيەسى بۇنداق تەرەققىيات پۇرستىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يانداشما ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچىلارغا ھۈنەر ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» دەپ، كۆرسەتتى.

关闭窗口