新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە 2017-يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قۇربان ھېيىتلىق چاي زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى
2017-08-31 13:30   ھۆكۈمەت تورى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2017- يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قۇربان ھېيىتلىق چاي زىياپىتى ناھىيەلىك مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر ساھادىن كەلگەن كىشلەر جەم بولۇپ مۇبارەك ھېيىتنى تەبرىكلىدى.

چاي زىياپىتىدە، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكىرتارى يولداش ياڭ شىنپىڭ ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ئوتلۇق سالام يوللىدى، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى تىلىدى.

چاي زىياپەتكە، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، ھاكىم ئادىل مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى. خەلىق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپسىنىڭ سېكىرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، سىياسى كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرېتارى، رەئىسى پېردون مەمەت، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرېتارى، سىياسى-قانۇن كومىتىتىنىڭ سېكىرېتارى ۋاڭ خۇي، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرېتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ سېكىرتېارى لىيۇ جىگاڭ، پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، مۇئاۋىن ھاكىم لى خۇا، پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋىيخۇا، پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسىيەم ئايۇپبەگ، مۇئاۋىن ھاكىم خالمېھرى تەۋەككۈل قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپ ئەزالىرى، ۋە «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسى كىڭەش ھەيئەتلىرى، دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى، تەپتىش، سوت، ئەدىليە سېىستىمىسىدىكىلەر، ئۆرك يۇرتىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخىسلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنچىلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلار، مۇنەۋۋەر ئورگان كادىرلىرى، كەنىت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، داۋالاش خادىملىرى، ياشلار، خانىم-قىزلار، مۇھىت-تازىلىق ئىشچىلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن قېرىنداشلار، ئەل ئىچى مەدەنىيەت باشلامچىلىرى، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەرساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.

چاي زىياپىتىدە ياڭ شىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: « بۇ يىل ـــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى داغا-دۇغا بىلەن كۈتىۋالىدىغان خوشاللىنارلىق يىل، ‹13-بەش يىللىقيىرىك پىلاندىكى ئۇلۇغۋار يىل، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يىلى ھېسابلىنىدۇ.

بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇلىنى توختاۋسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرىنەرلىك ئاشۇردۇق.

«ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» نى ياخشى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقىنى قوغداشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ 700 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ھەمكارلىق جەڭ سۇپىسى»نى قۇرۇپ چىقتۇق، ج خ سىستېمىسىدا «ئەقليىلاشقان ئىقتىدارلاشقان قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويدۇق، يېڭىدىن 93 خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قۇرۇپ، كەسپىي چارلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش كۈچلىرىنى تولۇقلىدۇق ۋە قۇدرەت تاپقۇزدۇق، بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت ئومومىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى. پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي سورۇنلارغا «يەتتە كىرىش، ئىككى بار بولۇش»، «توققۇزنى سەپلەش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەنى ئېجىل-ئىناق بولدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، بۇنىڭ بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. «ئۈچ خىل كۈچ»لەر گە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق، پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەممەيلەن ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتتى، تېررورلۇققا قارشى ئۆتكۈر شەمشىرىنى غىلاپتىن چىقاردى.

بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۈزۈكسىز تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، پۈتكۈل ناھىيەنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 3 مىليارد 26 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن %8.7 ئاشۇردۇق، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 3 مىليارد 160 مىليون يۈەن ئورۇنداپ، بۇلتۇرقىدىن %73.23 ئاشۇردۇق، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمىدىن 200 مىليون 210 مىڭ يۈەن ئورۇنداپ، بۇلتۇرقىدىن %13.4 ئاشۇردۇق، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېزىلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېزا ئىگىلىككە مەدەت بېرىش، دېھقانلارنى بېيىتىشتىكى «1-نۇمۇرلۇق ھۆججەت» نى داۋاملىق تارقىتىپ، مالىيەدىن 94 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتۇق. 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، «ئاشلىقتىكى زىيانداش ھاشارەتلەر» نى يۇقىتىشقا پۈتۈن كۈچتە ئاتلىنىپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالدۇق. 93 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمىچلىقى ۋە كىيىم-كېچەك تىككۈچىلىك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 1-قارارلۇق قۇرۇلۇشىدا 15 كۇرپۇس، يەنى 50 مىڭ كۋادرات مېتىر ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيىنى پۈتتۈردۇق، بۇ باغچىغا ماكانلاشقان 5 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بۇنىڭدىن سىرىت 1-قارارلۇق قۇرۇلۇشدىكى 170 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆي قۇرۇلۇشىدىمۇ ئىش باشلاندى، بۇ كەسىپلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى تېز، يوشۇرۇن كۈچى زور بولىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئىلى 8-نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ھەم «ئىلى خەلقئارا ساياھات ۋادىسى» نى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 580 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتىۋىلىندى، 280 مىليون يۈەن كىرىم بولدى.

بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخىت تۇيغۇسى كۆرىنەرلىك ئاشتى. ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى قىشلىق كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش ۋە يىنىك سانائەت توقۇمچىلىقى چوڭ سۇپىسىنى قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ھازىرغىچە 1700 دىن ئارتۇق يېزا ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى «ھۆنەرلىك ئىشچى» غا ئايلاندى، پۈتكۈل ناھىيە بويىچە باشقا جايلاردا ئىشلىگەن يېزا ئېشىچى ئەمگەك كۈچلىرىدىن جەمئىي 69 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. 330 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 108 قوش تىل يەسلىسىنى يېڭىدىن ياسىدۇق ھەم كېڭەيتىپ ياسىدۇق، ھازىر ھەممە يەسلىلەر ئوقۇشنى باشلاپ بولدى. 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنى باشلاپ، ناھىيەمىزدىكى 430 مىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردۇق. 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6900 ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىشقا ياردەم بەردۇق، كەپىلىك رايونلاردىكى 800 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق. 45 مىليون 977 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 400 ئائىلە چارۋىچىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇردۇق، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 500 خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتىپ ياسىدۇق. 600 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قاتناش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 126 نى تاماملىدۇق، بۇ تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 788 كىلومېتىرغا يېتىپ، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قاتناش قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ قالدى، يىل ئاخىرىدا پۈتكۈل ناھىيەمىزدىكى ھەممە كەنت يوللىرى ئوموميۈزلۈك قارمايلىشىپ بولىدۇ.

بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخۇرلىقى ۋە ئالاھىدە قوللىشىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئاقىلانە تەدبىرلىرى ۋە دانا رەھبەرلىكىدىن، بىزگە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرىنىڭ خالىسانە ياردىمى ۋە كۈچلۈك مەددىتىدىن، پۈتكۈل ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشى ۋە جاپالىق كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلمايدۇ. شۇڭا، بىز بۇنداق ئەۋزەللىكىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، تېخىمۇ تېرىشىپ ئالغا بېسىشىمىز كېرەك.

كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئالدىمىزدا قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ كۆپ، مەسئۇلىيەت مۈشكۈل، بىراق پۇرسەت، خىرىس، قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىد بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلتۇر پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا بىز «ئۈچ تۈرلۈك» ئۇچ ئۇلۇغۋار كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، يەنى: «ئۈچ چوڭ بۆسۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئۈچ زور ئۆسۈش»كە كاپالەتلىك قىلىش، «ئۈچ چوڭ ماركا» يارىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر بىز بۇ نىشانلارنى بىر-بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ناھىيەمىز تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، بوشلۇقى كەڭ، كەلگۈسى پارلاق. مەن ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پەقەت جان تىكىپ ئىشلىگەندىلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوقلىقى، ئورۇنداپ بولغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە بولمايدىغانلىقى، تۈگمەيدىغان ئىش بولمايدىغانلىقى؛ پەقەت تىرىشساقلا، ھەر قانداق دۈشمەننى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ھەر قانداق شۇم نىيەتنى بىتچىت قىلغىلى بولىدىغانلىقى؛ ھەر قانداق بۆلگۈنچلىك، بۇزغۇنچلىق قىلمىشلىرىنىڭ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىق، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىق بولۇپ قالىدىغانلىقى؛ پەقەت تىرىشساقلا، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق بولىدىغانلىقى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم گۈزەل ۋە بەختىيار بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

يولداشلار، دوستلار، بارلىق مۇۋاپىقيەتلەر خەلقىمىزگە مەنسۈپتۇر. شۇڭا بىز ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تايانچ قىلىپ، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇددرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىن ئىتىشىمىز؛ بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئويۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشان تۇغىنى باشتىن-ئاخىرى جەۋلان قىلدۇرىشىمىز؛ بىز باش مەقسەتنى ئۇنۇتماي، توختاسىز ئىلگىرىلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ تەڭ غەيرەت قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، مۇقىم، باي-باياشات، ئىجىل-ئىناق، گۈزەل ئۈرۈك يۇرتى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشمىز كېرەك!»

 

关闭窗口