新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە رەھبىرى كادىرلارغا دەرىس ئۆتۈلدى
2017-09-05 13:27   ھۆكۈمەت تورى

9-ئاينىڭ 4- كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى يولداش خۇاڭ جىڭپىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن، ناھىيەمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارغا «باش نىشانغا ئۇيۇشۇپ، 19-قۇرۇلتاينى قىزغىن كۈتىۋالايلى» دىگەن تېمىدا مەخسۇس لىكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل» دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھىيلەپ ئۆتتى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكىرېتارى ياڭ شىنپىڭ، مۇئاۋىن سېكىرېتار، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، سىياسىي كىڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكىرېتارى، رەئىسى پېردون مەمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپنىڭ ئەزالىرى، شۇنداقلا ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار، يېزا-بازار (مەيدان) لىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە رەھبەرلىك كوللىكتىپ ئەزالىرى، مائارىپ، سەھىيە سېستىمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار، شۇنداقلا، كەنت-ئەتىرەتلەرنىڭ باش شۇجىلىرى بولۇپ 600 دىن ئارتۇق كىشى لىكسىيەنى ئاڭلىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسىيەم ئايۇپبەگ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يولداش خۇاڭ جىڭپىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل» دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۈگەنگەندە ئىگىلەشكەن تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى خەلق گېزىتىنىڭ يۈرۈشلۈك ئوبزورىغا بىرلەشتۈرۈپ، جەھەتتىن ئومۇمىيۈزلۈك يېشىپ چۈشەندۈردى. بۇ قېتىمقى لېكسىيە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەشتە، يەنىمۇ ياخشى ئۈگىنىش، جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، چوڭقۇر ئەمەلىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت تۈپ تەلەپنى قوزغىتىشتا ئاكتىپ تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى.

دەرىستە مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنڭ ‹26- ئىيۇل› دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۈگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزۇن مەزگىللىك زور سىياسى ۋەزىپە دەپ قاراپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى يىتەكچى ھەم قىبلىنامە قىلشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرۇلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتىگىيەسى بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ‹بىرىكمە مۇشت›نى قاتتىق ئېتىشنى ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كىرەك. جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، دىننىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچتە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بوشاشتۇرماي، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومومىيۈلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋىلىش كېرەك.

关闭窗口