新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە 126 نەپەر ئوقۇتقۇچى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشقا يۈرۈپ كەتتى
2017-09-07 13:18   ھۆكۈمەت تورى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى ناھىيەمىزدە جەنۇبىي شىنجاڭغا ۋەزىپە بىلەن چىنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان يەسلى باشلىقلىرى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا مەدەت بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرېتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكىرېتارى يولداش ليۇجىگاڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مۇراسىمغا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى چېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە مەدەت بېرىپ، بالىلارنى ئىلغار تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ناھىيەمىز 24 نەپەر مۇئاۋىن يەسلى باشلىقى (مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى) ھەم ئەمدىلا ئوقو-ئوقۇتۇش ساھەسىگە قەدەم قويغان 102 نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن مائارىپقا مەدەت بېرىش ئۆمىكى قەشقەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا بىر يىللىق خىزمەتكە يۈرۈپ كەتتى.

يولداش ليۇجىگاڭ مۇراسىمدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىميەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئسىتىراتىگىيەسىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا مائارىپنىڭ ئادىللىقى ۋە باراۋەر تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشكە ماڭغان ئوقۇتقۇچىلار دەل ۋاقتىدا «ياغقان شىپالىق يامغۇر» دەك ئۆز خىزمىتىگە جان دىل بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

ئۇ كۆپچىلىكتىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «كەسپىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيەلەرنى يەتكۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تېزدىن سىڭىشىپ، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى جان-دىل بىلەن ئىشلەپ، قانۇن ۋە ئىنتىزامغا بويسۇنۇشتا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن شۇ جايدىكى ئامما ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مۇراسىمدا، يولداش لى چىڭ خىزمەتلەرنى كونكېرت ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلاردىن قانۇن، قائىدە-تۈزۈملەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا مەدەت بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

مۇراسىمدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشىغا مەدەت بېرىشقا ماڭغان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى ئىپادە بىلدۈرۈش سۆزى قىلدى.

مۇراسىمدا ليۇجىگاڭ، لى چىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغات بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.


关闭窗口