新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە 108 قوش تىل يەسلىسى يېڭىدىن ياكى كېڭەيتىپ ياسىلىپ، مائارىپتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت 1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى
2017-09-07 13:09   ھۆكۈمەت تورى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 9-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ بىرى بولغان مائارىپتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت نىشانلىق ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن، قۇربان ھېيىتلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقان تۇنجى كۈنىلا ناھىيەمىزدە 108 يېڭىدىن ياكى كېڭەيتىپ ياسالغان يېزا قوش تىل يەسلىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى. تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بىردەك يەسلىگە كىرىشى يەسلى مائارىپىدىكى تارىخىي خاراكتىرلىك بۆسۈش بولۇپ قالدى.

 

ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل ناھىيەمىز يېڭىدىن ياكى كېڭەيتىپ سالغان يەسلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 115 مىڭ كۋادىرات مېترغا يېتىدىكەن، بۇنىڭغا 370 مىليون مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 27 مىڭ 515 نەپەر بالىلار يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن ھەم سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسىپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، دۆلەت تىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار تاللىنىپ، ھەر بىر سىنىپقا ئىككى نەپەردىن تەربىيەچى، بىر پەرۋىشكار سەپلەنگەن، ئاشپەز ۋە ئامانلىق قوغدىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

   

ناھىيەمىز يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىپ سالغان يەسلى پۈتكۈل ئوبلاستىمىزدىكى يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە مۈشكۈل بولسىمۇ، يەسلىلەرنىڭ ۋاقتىدا پۈتۈپ ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت يىل بېشىدىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەپ، پۈتكۈل ناھىيەمىزنىڭ كۈچىنى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، غوللۇق كۈچلەرنى تەشكىللەپ، يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن 108 ئۆلچەملەشكەن يېزا يەسلىسىنى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن بۇرۇن رەسمىي پۈتتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يەسلىگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 

9-ئاينىڭ 7-كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، مۇئاۋىن ھاكىم خالمىھرى تەۋەككۈل ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى، سۇچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، تۇرپانيۈز، ئۈچئون خۇيزۇ، ئونيار يېزىلىرى ۋە خۇدىياريۈز، دۆڭمازا بازارلىرىدىكى 28 يەسلىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقتى ھەمدە نەق مەيداندا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

يولداش ياڭ شىنپىڭ ھەر بىر يەسلىدە سىنىپلارنىڭ تەسىس قىلىنىش، بالىلارنى تىزىملاش ، تاماق، ياتاق، سۇ، توك، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى، پەرۋىش خادىمى سەپلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ۋە ئۆت ئۆچۈرۈش، يەرنى تەكشىلەش، قوغداش ئۆيى قاتارلىق يانداشما ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 

يولداش ياڭ شىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسىلىلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق لازىمەتلىكلىرى ، سۇ، توك، ئامانلىق قوغداش قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەر ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىشى؛ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، قاتتىقلاشتۇرۇش ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلىنىش مۇھىتىدىن بەھىرلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئونيار يېزىسىدىكى دېھقان ئەسما ئەسقەر يېڭىدىن قۇرۇلغان بالىلار يەسلىسى توغرىسىدا ناھايىتى خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى يەسلىلەر ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىقكەن، شەھەردىكى يەسلىلەردىن قىلىشمايدىكەن، يەسلىمۇ ئۆيلەرگە بەكلا يېقىن ھەم ھەقسىز، تامىقىمۇ ياخشى ئىكەن، پارتىيەنىڭ بۇنداق ئەۋزەل سىياسىتىدىن بەكلا مىننەتدار بولدۇق.»

关闭窗口