新疆伊宁县

جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتوڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ناھىيەمىزدە تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتا بولدى
2017-09-08 12:52   ھۆكۈمەت تورى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتوڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش لو جپېڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسى ۋە مەركىزى كومىتېتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەتلىك 6-قېتىملىق ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىش ۋە ناھىيەمىز بىلەن نەنتوڭ شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيەمىزدە تەكشۈرۈشتە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتا بولدى.

 

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يولداش لو جپېڭ باشچىلىقىدىكىلەر ناھىيەمىزدىكى ئائىلە بويۇملىرى توقۇمچىلىقى ۋە كېيىم-كېچەك تىككۈچىلىك كەسىپلەر باغچىسى، «نەنتوڭ» تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، توقۇمچىلىق كەسىپلەر رايونى، خەلق دوختۇرخانىسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى. شۇنداقلا نەنتوڭ شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاندىن، نەنتوڭ شەھىرىنىڭ ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىۋاتقان 9-تۈركۈمدىكى كادىرلىرىنى يوقلىدى؛ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل دائىمىي شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش لى نىڭخۈي تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن نەنتوڭ شەھىرى بىلەن ناھىيەمىز ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى يولداش ياڭ شىنپىڭ نەنتوڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ناھىيەمىزگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى، ناھىيەمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يولداش ياڭ شىنپىڭ نەنتوڭ شەھىرىنىڭ كادىرلارنى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىش، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەش، چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىش جەھەتلەردە ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، شۇنداقلا غۇلجا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ھەم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى» نى؛ غۇلجا ناھىيەسىدىكى پۈتۈن كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسنىڭ نەنتوڭ شەھىرىنىڭ چىن ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، چوڭقۇر دوستلۇقىنى قەدىرلەپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يولداش لو جىپېڭ نەنتوڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نەنتوڭ شەھىرى بىلەن غۇلجا ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، بېرىش-كېلىش، ھەمكارلىقى قويۇق، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم غۇلجا ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز ئىقتىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ جەھەتلەردە غۇلجا ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش ئۇزۇن مۇددەتلىك مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردە قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم بەردۇق، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا مەدەت بەردۇق. ئالتە يىلدىن بۇيان جەمئىي 960 مىليۇن يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، 100 تۈرلۈك قۇرۇلۇش ياردىمىنى يولغا قويۇپ، 300 قېتىمدىن كۆپرەك ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، ساياھەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئىككى جاي ئوتتۇرسىدىكى خەلقمۇ چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى».

يولداش لو جىپېڭ: نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيەسى دەل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، مۇقىم، باي-باياشات، گۈزەل ئۆرۈك يۇرتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، نەنتوڭ شەھىرىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، مەۋقەنى ئەلنى بېيىتىشقا قارىتىش، يۇقىرى سەۋيىلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشاننى چۆرىدەپ مېڭىۋاتىدۇ، شۇڭا ئىككى جاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە رايونلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىتىراتىگىيىلىك ئومۇميىتىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ بىر يول» سىتىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇشتەك ئەۋزەل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەردە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل بوستانلىق ماكاننى تېخىمۇ ياخشى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت يىغىنىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نەنتوڭ شەھىرىنىڭ ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسنىڭ باشلىقى يولداش جاڭ خۇا نەنتوڭ شەھىرىنىڭ 9-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

يولداش لو جىپىڭ نەنتوڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ناھىيەمىزگە سوۋغات تەقدىم قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋاققەت ھاكىم ئادىل مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىغا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپسىنڭ سېكرېتارى، رەئىسى فىردۇن مەمەت، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ خۇي، پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل ھاكىم لى خۇا، پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋىيخۇا، پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاسيەم ئايۇپبەك، مۇئاۋىن ھاكىم خالمېھرى تەۋەككۈل، مۇئاۋىن ھاكىم، نەنتوڭ شەھىرىنىڭ ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ يوڭ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چىڭ ھەم ناھىيەلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، نەنتوڭ شەھىرىنىڭ ناھىيەمىزگە ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلىرى قاتناشتى.

 

关闭窗口