新疆伊宁县

مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت يېزا-بازار(مەيدان)لاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-09-12 14:07 ئەمىرۇللا  ھۆكۈمەت تورى

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت يېزا-بازار (مەيدان) لاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ، چۇلۇقاي يېزىسى، دولان دېھقانچىلىق مەيدانى ، يېڭىتام بازىرىدىكى شىپاخانا، مەكتەپ، يەسلىلەردە خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ھەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ، ئاساسى قاتلام شىپاخانىلىرىدا شىپاخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە مۇلازىمەت ئەھۋالى، ئومۇمى خەلق ساغلاملىق تەكشۈرتۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى؛ مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى، يېڭىدىن ياسالغان ياكى كېڭەيتىپ ياسالغان قوش تىل يەسلىلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ئەھۋالىنى ھەمدە شۇ يېزا-بازارلارنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئادىل مەمەت شىپاخانىلاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئومومى خەلق ساغلاملىق تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى ـــ ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق قانات يايدۇرغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، ئۈسكۈنە كەمچىل، دوختۇرلار يىتىشمەيۋاتقان بولسىمۇ، قىيىنچىلىقتىن ۋايسىماي، جاپادىن قورقماي، خىزمەتلەرنى ئاقسىتىپ قويماي، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ۋەزىپىنى چوقۇم بەجاندىل ئورۇندىشىمىز لازىم».

ئادىل مەمەت مەكتەپلەردە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:« يېزا-بازار (مەيدان) لار ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يەسلىلەرنىڭ يانداشما ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، بىزەش، يىشىللاشتۇرۇش ۋە قاتتىقلاشتۇرۇش شۇنداقلا، ئوقۇتقۇچى قوبول قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى جايىدا ياخشى ئىشلەپ، خىزمەتلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم».

ئادىل مەمەت يېڭىتام بازىرىدىكى «تەڭرىتاغ بۇلىقى» ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ تەربىيەلەش بازىغا ياخشى باھا بېرش بىلەن بىرگە، بازارلىق ھۆكۈمەتتىن كادىرلارنى، ئاممىنى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بۇ بازىنى زىيارەت قىلىشقا پائال تەشكىللەپ، پاكلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى تەربىيەلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


关闭窗口