新疆伊宁县

مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ـــــ ناھىيەمىزدە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاس قىلغان مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش زور يىغىنى ئېچىلدى
2017-09-13 12:57  

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيەمىزدە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاس قىلغان مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش زور يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى، دىققەتنى ئىجىتمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئەمەلىي، ئىنچىكە، ئەلا ئىستىل بىلەن ناھىيەمىز تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇدىرى خەمىت ھاكىم، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپسىنىڭ سېكرېتارى، رەئىسى پىردۇن مەمەت قاتارلىق تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق تارماقلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، يېزا-بازار (مەيدان)لارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەر قايسى كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ 1-سېكرېتارلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى باشلىقلىرى، كەنت ئىككى كومىتېت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يولداش ياڭ شىنپىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپپسى ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» ئىستىلدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېقىنلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاس قىلغان مەسىلىلىرى، ھەمدە پۈتكۈل ناھىيەنىڭ «كەڭ كۆلەمدە باھالاش» خىزمىتى جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۆتتى.

يولداش ياڭ شىنپىڭ ناھىيەمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەسىلە مەنبەسىنى چوڭقۇر قىزىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ سۇبيېكتىپ ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، ناھىيەلىك پارتكوم 9 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشچىلىقىدا ھەر قايسى يېزا-بازار (مەيدان)لارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بارلىق كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، پۈتكۈل ناھىيەدىكى يۇقىرى-تۆۋەن بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەت پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىرمۇ-بىر ھەل قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىز جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يولداش ئادىل مەمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە يىغىننى خۇلاسىلەپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، پۈتكۈل ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، يىغىن ئارقىلىق يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يوقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت پىكىر يولى ۋە چارە-تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى رازى قىلىش كېرەك. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش؛ خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «قايتا قاراش»نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يولداش ئادىل مەمەت پۈتكۈل ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تاپشۇرغان تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تولۇق تاماملاپ، پۈتكۈل ناھىيەنىڭ يىللىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئورۇندىشىنى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزدە «ھىچقانداق ئىش چىقماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە پۈتكۈل ناھىيەنىڭ دىن خىزمىتى ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت باھالاش خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو فىڭ كۆممىقوناقتىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېزا ئىگىلىكتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

 

关闭窗口