新疆伊宁县

يەسلىلەر سېلىندى ئىشىك ئالدىغا، ئەل-ئاۋام چۆمۈلدى شاد-خۇراملىققا
2017-09-14 12:24 ئەمىرۇللا  ھۆكۈمەت تورى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، مۇئاۋىن ھاكىم خالمېھرى تەۋەككۈل، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى چېڭ ۋە سۇچىلىق ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ، ھەرقايسى يېزا-بازار (مەيدان) لاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇش باشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

يولداش ياڭ شىنپىڭ سامىيۈزى يېزىسى، قاش يېزىسى، مازار يېزىسى ۋە قاراياغاچ يېزىلىرىدا تەكشۈرگەندە، خەلقتىن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنى:«ئىشىك ئالدىمىزدىلا يەسلى بار بولدى، بالىلارنى نەگە ئاپىرارمىز دەپ غەم يېمەيدىغان بولدۇق...»، «يېزىمىزدىمۇ شەھەرلەردىكىدەك چىرايلىق يەسلىلەر بار بولدى، بۇنىڭدىن بىز ئاتا-ئانىلار بەك خۇش بولدۇق، بۇ بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئېسىل بىر ئىش...»، «كەنتىمىزدىمۇ يەسلى بار بولدى، ئوقۇتقۇچىلىرى ياخشى، تامىقى ياخشى، بالىلىرىمىزنى بۇ يەرگە تاپشۇرۇپ ناھايىتى خاتىرجەم بولدۇق...»، بۇلار ھەر قايسى كەنتلەردىكى ئاممىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ھېس قىلغان ھەقىقىي تەسىراتلىرى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيەمىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان 9 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2017-يىلى 108 يېزا قوش تىل يەسلىسىنى يېڭىدىن ياكى كېڭەيتىپ ياساپ، ھەممە كەنىتتە يەسلى بولۇش، يەسلى يىشىدىكى بالىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تەكشۈرۈشتە، يولداش ياڭ شىنپىڭ ھەرقايسى يەسلىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياتاق-تاماق ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ھەر بىر يەسلىگە بارغاندا، ئۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تاماق-ياتاق ئەھۋاللىرىنى، باشقا قىيىنچىلىقلىرى بار-يوقلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى. يولداش ياڭ شىنپىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار (مەيدان) لاردىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياتاق-تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم. سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ناھايىتى جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت. كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ناھىيەمىز يەسلى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن».

ئوقۇتقۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يۇقىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يەسلىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز».

يولداش ياڭ شىنپىڭ يەنە يەسلىلەرنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىشىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

 

关闭窗口