新疆伊宁县

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-09-24 17:19 ئەمىرۇللا  政府网

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ قىسمەن كەنتلەرگە خەۋەر قىلماي تۇيۇقسىز بېرىپ ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بوشاڭلىق»قا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل ناھىيەمىزدە يۇقىرى تۆۋەندىكى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، باش نىشانغا مەركەزلىشىپ، 50كۈن قاتتىق ئىشلەپ، «چوڭ ئىش چىقماسلىق، ئوتتۇرا ئىش چىقماسلىق، كىچىك ئىشمۇ چىقماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىشىمىز كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچئون خۇيزۇ يېزا ئىككىئون كەنتى، مەمەيۈز كەنتى، ئارائۆستەك بازىرى ئارامەھەللە كەنتى، كۆتەمە كەنتلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، دىجورنى تۇرۇۋاتقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، دىجورنىلىق ئەھۋالى ۋە «ئەتتىگەندە يىغىن ئېچىپ كادىرلارنى ئامما ئارىسىغا چۈشۈرۈش»قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە كەنت بازا قۇرۇلۇشىنى كۆردى.

ياڭ شىنپىڭ كۆتەمە كەنتىدە «ئۈچ ئەل»خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئائىلىلەرگە كىرىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت مەزمۇنىنى ئىگىلىدى.كەنت كادىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئائىلىسى باتۇر مەخسۇمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. باتۇر مەخسۇم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى كادىرلار ناھايىتى ياخشى، قانداق ئىش بولسا ئائىلىمىزگە كېلىپ ئەھۋالىمىزنى ئىگىلەيدۇ، بىزگە پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بىزگە ياردەم قىلىپ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ھازىر كەنتىمىزنىڭ يوللىرى ياسىلىپ بولدى، مۇھىتىمۇ كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز كەنتتىكىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ خۇشال!»

ياڭ شىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىى پات ئارىدا ئېچىلدۇ، پۈتكۈل ناھىيەمىزدە يۇقىرى تۆۋەن ئاپتونوم رايوننىڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىپىسى ئېغىر، ئىنتايىن جاپالىق، لېكىن ھەرگىزمۇ بوشىشىشقا بولمايدۇ، ئىدىيە قارىشىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كارغا كېلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ دەل جايىدا، ئىنچىكە نۇقتىسىغىچە ئەمەلىيلىشىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرگەندە شەكىلگە بېرىلمەستىن، ھەقىقىي خىزمەت نىشانى ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھەر بىر ئائىلىگە كىرگەندە ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر بىر كەنت كادىرى ئەل رايى خاتىرىسىنى ياخشى يېزىپ، خىزمەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە، ھەر بىر خىزمەت، ھەر بىر ئىشنى كەم-كۇتىسىز بېجىرىپ، خىزمەت مەسئۇلىيتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر»غىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

 

关闭窗口