新疆伊宁县

غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى
2017-11-14 13:23  

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى مەركەزلىك ئۆگىنىش تەشكىللەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى.

يىغىندا، ئالدى بىلەن، رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم لى خۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە «ج ك پ 19-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئۆگەندى. ئاندىن، مۇئاۋىن ھاكىم جۇ شىڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئۆگەندى.

ئاخىرىدا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى نەزەرىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قۇراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەت مېخانزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەر، ھەم پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشى، ھەم مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ نازارەت قىلىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئوي پىكىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت دوكلاتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلىشى كېرەك.

رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىينىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.

关闭窗口