新疆伊宁县

ناھىيەمىزدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
2017-11-12 13:12  

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيەمىز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى.يىغىندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى شۇنداقلا، گوۋۇيۈن، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.ھەمدە، ناھىيەمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، يېقىنقى مەزگىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم، ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئادىل مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ناھىيەمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئىككى سوبيېكتىپ مەسئۇلىيەت تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش ئاساسىي يەنىلا ئاجىز بولۇش، كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى يەنىلا يۇقىرى بولماسلىق، قۇرۇلۇش قىلىش ساھەلىرى قاتارلىقلاردا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىككىنچى، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى مەنبەدىن تۈزەش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چىڭ قادىلىپ، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېنىقلاش ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيتى، كارخانىلارنىڭ سوبيېكتىپ مەسئۇلىيتى، يېزا-بازار(مەيدان)لارنىڭ قارمىقىدىكى رايونلارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇپ باھالىشىنى كۈتۈۋېلىش ۋە گوۋيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمەتلىرىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئادىل مەمەت يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆزئارا قوللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئادەم كەمچىل بولۇش، ۋەزىپە ئېغىر بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ماتېرىياللارنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر بىلەن سېلىشتۈرپ، بىرمۇ-بىر تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيتى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇل ئورۇن، مەسئۇل كىشى، تۈزىتىش ئۆلچىمى، خىزمەت تەدبىرى ۋە تاماملاش سۈرۈكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تولۇق تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇئاۋىن ھاكىم ئابىلخەيرى خەيربىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى شۈ جىجۈن ناھىيەمىزنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئوقتۇرۇش قىلدى.

يىغىن سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئېچىلدى، ناھىيەلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە قارمىقىمىزدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى يېزا-بازار(مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، مەسئۇل رەھبەرلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش پونكىتى باشلىقلىرى قاتارلىقلار تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

关闭窗口