新疆伊宁县

ئادىل مەمەت بايتوقاي بازىرىدىكى قىسمەن كەسىپلەر بازىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2017-11-10 13:07  

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت بايتوقاي بازىرىغا بېرىپ، قىسمەن كەسىپلەر بازىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئادىل مەمەت بايتوقاي بازارلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى شىن ياپىڭ، بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بازار باشلىقى نىجات ئابدۇقادىر قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، بايتوقاي بازىرى مالىنا بازىسى، ئالمىلىق باغ ۋە گۈلچىلىك بازىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بازىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ئاخىرىدا، ئادىل مەمەت قاتارلىقلار پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا بېرىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. پاسكىنا سۇ زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى 20 مو بولۇپ، كېلەر يىلى 7-ئايدا پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئادىل مەمەت بازارلىق ھۆكۈمەتتىن زاۋۇتنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى، ئەمەلىي قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

关闭窗口