新疆伊宁县

ئادىل مەمەت ئەۋلىيا يېزىسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى
2017-11-09 13:01  

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت ئەۋلىيا يېزىسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

 

ئادىل مەمەت ئەۋلىيا يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ يوڭخەي، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، يېزا باشلىقى سېرىكنىڭ ھەمراھلىقىدا، بۈلۈكەي كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بۈلۈكەي كەنت قوش تىل يەسلىسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەپلىنىش ئەھۋالى، قىشلىق ئىسىنىش ئەھۋالى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ئادىل مەمەت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىشىمىز كېرەك.

ئادىل مەمەت قاتارلىقلار يەنە يىدۇڭ بەخت ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئادىل مەمەت ئاممىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىلىرىنى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە قولدا بۆك تىكىش زاۋتىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدى ۋە خىزمەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئاخىرىدا، ئادىل مەمەت ئەۋلىيا كەنتىگە بېرىپ كەنت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزرەك پىلانلاپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

关闭窗口