新疆伊宁县

مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت كۆمۈر كانلارنى تەكشۈردى
2017-11-20 12:42  

30-ئۆكتەبىر، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى ۋەنچۈن ۋە مۇناسۋەتلىك كۆمۈر كان مەسئۇللىرىنىڭ ھەمرالىقىدا، پىلىچى كۆمۈر كانى، «يۇڭنىڭ» كۆمۈر كانىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كان قېزىش مەيدانى ئەتراپىنى كۆكەرتىش ئەھۋالى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە كان قېزىش ئەسلىھەلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆمۈر كانلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

ئادىل مەمەت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ناھىيەلىك كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈر كاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، بىخەرتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى مەنبەدىن توسۇش كېرەك؛ ھەر قايسى كۆمۈر كانلار ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كۆمۈر كانلارنىڭ ئەتراپىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئالدىن پىلانلاپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى، ھەر قايسى كۆمۈر كان كارخانىلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆمۈر كان ئەتراپىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

 

关闭窗口