新疆伊宁县

ياڭ شىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى
2017-10-15 18:31  

12-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ شىنپىڭ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېيخۇا قاتارلىقلار يېزىلاغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر دەرىجىلىك نازارەتچىلىك گۇرۇپپىلىرى قايتما ئىنكاس قىلغان «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ياڭ شىنپىڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇدىياريۈزى بازىرى ئورمان كەنتى، بوز كەنتى، تۇرپانيۈزى يېزىسى كېپەكيۈزى كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈردى ۋە تۈزىتىش لايىھەسى بويىچە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈردى.

نازارەت قىلىش داۋامىدا، ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ناھىيەدىكى ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)، ھەرقايسى «ئۈچ ئەل»خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرپپىلىرى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىرمۇ-بىر ئانالىز قىلىپ ئىزدىنىشى، تۈزىتىش لايىھەسىنى تەپسىلىي تۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىدا ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزەش جەدۋىلى تۈزۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈزىتىش ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئېنىق بەلگىلەپ، تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ياڭ شىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار چېن چۈەنگو شۇجىنىڭ «تۆت جۈملە سۆز»ىنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى»نى قەتئىي ئادا قىلىپ، مىخ روھى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھادىسىدىنمۇ ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىكى بىرىكمە مۇشتى ۋە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، «تۆت ئاڭ »نى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قىلىمەن دېگىنىنى ۋاقتىدا ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)نىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆزلىكىدىن زىممىسىگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىشلەپ، ئۈلگە بولۇشى ھەم ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۆزى تەتقىق قىلىشى كېرەك. ناھىيەدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار «بەشنى تۈگىتىپ بەشنى تۇرغۇزۇش»تەلىپىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، «تۆت ئىستىل، تۆت كەيپىيات»نى تۈزىتىشنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»ىدا ئۈنۈم يارىتىشنى مۇستەھكەملىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى يېزىلاردا تۇرۇشلۇق نازارەتچىلىك گۇرۇپپىلىرى قاتتىق نازارەت قىلىپ يېتەكلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، «يېتەكلەش»نى ئاساس قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشى، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشدەك خىزمەت ئىستىلى ۋە راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

关闭窗口