新疆伊宁县

ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان ناھىيەمىزدە ئاسىي قاتلاملاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
2017-10-04 16:34  

3-ئۆكتەبىر، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئوبلاست باشلىقى قۇرماش سېرجان ناھىيەمىزدە ئاسىي قاتلاملاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قۇرماش سېرجان قاتارلىقلار ئارقىدىن ئارائۆستەك بازىرى بۇلاقبېشى كەنتى ۋە كۆتەمە كەنتىگە كېلىپ، كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇشى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ «ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش»قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلەش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، قۇرماش سېرجان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا ئاندىن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

قۇرماش سېرجان يەنە نەق مەيداندا بۇ ئىككى كەنتنىڭ بازا قۇرۇلۇش پىلانى ۋە گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قارىتا يېتەكچى تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قۇرماش سېرجان كۆتەمە كەنتىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئۇ كەنت ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى سورىدى، كەنت ئەزاسى مۇساجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يىل يېڭى ئۆي سالغانلىقىنى، ئۈچ پەرزەنتىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قۇرماش سېرجان يېنىدىن 200 يۈەن پۇل چىقىرىپ مۇساجاننىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، بالىلىرىڭىزغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشىڭىزنى، بالىلىرىڭىزنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قۇرماش سېرجان يەنە گۇرۇچ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى، ئايتوقاچ، يېڭى ئاياغ قاتارلىق سوۋغاتلارنى، شۇنىڭدەك ئىككى بايراملىق ھال سوراش پۇلىنى ئېلىپ، ئۈچئون خۇيىزۇ يېزىسى يۇقارقى بەشئون كەنتى ۋە ئارائۆستەڭ بازىرى بۇلاقبېشى كەنتىگە كېلىپ، خۇيزۇ تۇغقىنى ما مۇخامىر ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر تۇغقىنى ھاكىمجان مەمەت ئائىلىسىنى يوقلىدى، قۇرماش سېرجان ھەر مىللەتتىن بولغان تۇغقانلىرى بىلەن قىزغىن پارڭلىشىپ، بايراملىق تىلىكى ۋە قېرىنداشلارچە غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ بار يوقلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا كۈزلۈك ئاشلىقلارنى ۋاقتىدا يىغىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىش كىرگىچە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنى تاپىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ھويلا-ئارام باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ھاكىم ئادىل مەمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى.


关闭窗口